باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(8)

2012.12.03 16:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى ياچېيكا يىغىنى ئۇنى كاندىدات ئەزالىققا ماقۇللىغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيە ئىستاژى كاندىداتلىق مۇددىتى توشۇپ رەسمىي ئەزالىققا ئۆتكەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

  8-ماددا ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي، پارتىيەنىڭ بىرەر ياچېيكىسى، بىرەر گۇرۇپپىسىدا ياكى باشقا مۇئەييەن تەشكىلاتىدا پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىشى، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغىمۇ قاتنىشىشى لازىم. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتناشمايدىغان، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلمايدىغان ھەر قانداق ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسىنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  9-ماددا پارتىيە ئەزاسى پارتىيەدىن چىقىپ كېتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. پارتىيە ئەزاسى پارتىيەدىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلسا، ياچېيكا يېغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلىكى جاكارلىنىشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك. ئىنقىلابىي ئىرادىسى ئاجىزلىشىپ كەتكەن، پارتىيەنىڭ ئەزاسىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، پارتىيە ئەزاسىلىق شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغان پارتىيە ئەزاسىغا پارتىيە ياچېيكىسى تەربىيە بېرىپ، ئۇنىڭدىن سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشى لازىم؛ تەربىيە بېرىلسىمۇ تۈزەلمىگەن پارتىيە ئەزاسىنى پارتىيەدىن نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزاسىنى پارتىيەدىن نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرۈشنى ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسى بىلەن قارار قىلىش ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا تەستىقلىتىش لازىم. پارتىيەدىن نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرۈلىدىغان پارتىيە ئەزاسى چېكىنىشكە ئۇنىماي تۇرۇۋالسا، ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇپ، ئۇنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى قارار قىلىش ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

  پارتىيە ئەزاسى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن ئۇدا ئالتە ئايغىچە پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتناشمىسا ياكى ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرمىسا ۋە ياكى پارتىيە تەقسىم قىلغان خىزمەتنى ئىشلىمىسە، پارتىيەدىن ئۆزلۈكىدىن ئايرىلغان دەپ قارىلىدۇ. ياچېيكا يىغىنى بۇنداق پارتىيە ئەزاسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى قارار قىلىشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا يوللاپ تەستىقلىتىشى كېرەك.

  2-باب پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى

  10-ماددا پارتىيە—ئۆزىنىڭ پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىگە ئاساسەن، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى بويىچە تەشكىللەنگەن بىر پۈتۈن گەۋدە. پارتىيەنىڭ دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى:

  1) پارتىيە ئەزاسى پارتىيە تەشكىلاتىغا بويسۇنىدۇ، ئازچىلىق كۆپچىلىككە بويسۇنىدۇ، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلات يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتقا بويسۇنىدۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بارلىق تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق ئەزالىرى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋە مەركىزىي كومىتېتىغا بويسۇنىدۇ.2) پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلىرىنىڭ ئۆزلىرى تەسىس قىلغان ۋاكالەت ئورگانلىرى ۋە پارتىيەسىز تەشكىلاتلاردىكى پارتگۇرۇپپىلاردىن باشقىلىرى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

  3) پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبىرىي ئورگىنى—پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە ئۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەركىزىي كومىتېت. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلىرى—پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن كومىتېتلار. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك قۇرۇلتايلار ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.

  4)پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئاممىسىنىڭ پىكرىنى ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرۇشى، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى لازىم. پارتىيەنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ھەم ئۆز خىزمىتى توغرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلاردىن يوليورۇق سورىشى ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشى، ھەم ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى مەسىلىلەرنى مۇستەقىل مەسئۇل بولۇپ ھەل قىلىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلار بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئۆزئارا خەۋەرلىشىپ تۇرۇشى، بىر-بىرىنى قوللىشى ۋە بىر-بىرىنى نازارەت قىلىشى لازىم. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارا تۇتۇشى، پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىن تېخىمۇ كۆپلەپ ۋاقىپلاندۇرۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتۇرۇشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە