باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(14)

2012.12.03 16:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4) كۈچلۈك ئىنقىلابىي ئىشچانلىققا ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىققا، ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولۇش، رەھبەرلىك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان تەشكىلاتچىلىق ئىقتىدارىغا، مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ۋە كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولۇش.

  5) خەلق بەرگەن ھوقۇقنى توغرا ئىشلىتىش، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىش قىلىش، پاك-دىيانەتلىك بولۇش، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەش، ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش، جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئاددىي-ساددا ياشاش، ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ تەنقىد ۋە نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش، ئەخلاقىي تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش، پارتىيەۋىلىككە،؟؟؟؟ئ ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇش، خىزمەت ھوقۇقىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىدىغان، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدىغان ناتوغرا ئىستىللارنىڭ ھەرقاندىقىغا قارشى تۇرۇش.

  6) پارتىيەنىڭ دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە قوغداش، دېموكراتىيە ئىستىلى ۋە ئومۇمىيەت كۆز قارىشىغا ئىگە بولۇش، يولداشلار بىلەن، جۈملىدىن ئۆزى بىلەن بىر پىكىردە بولمىغان يولداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بىللە ئىشلەشكە ماھىر بولۇش.

  35- ماددا پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەسىز كادىرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەشكە ماھىر بولۇشى، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشى لازىم.

  پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ھەقىقىي قابىلىيەتلىك ۋە بىلىملىك پارتىيەسىز كادىرلارنى بايقاشقا ۋە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەشكە كۆرسىتىشكە ماھىر بولۇشى، ئۇلارنىڭ خىزمىتىمۇ، ھوقۇقىمۇ بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  36-ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرىدىن دېموكراتىك يول بىلەن سايلانغانلارنىڭ ۋەزىپىسىمۇ، رەھبىرىي ئورگانلار تەيىنلىگەنلەرنىڭ ۋەزىپىسىمۇ باقىمەندە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ. يېشى ۋە سالامەتلىكى داۋاملىق ئىشلەشكە يار بەرمەيدىغان كادىرلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە پېنسىيىگە، دەم ئېلىشقا چىقىشى لازىم.

  7-باب پارتىيە ئىنتىزامى

  37-ماددا پارتىيە ئىنتىزامى— پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق ئەزالىرى رىئايە قىلىشى شەرت بولغان ھەرىكەت قائىدىسى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشنىڭ كاپالىتى. پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى ۋە قوغدىشى، كومپارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنى پارتىيە ئىنتىزامى بىلەن ئاڭلىق تىزگىنلەپ تۇرۇشى شەرت.

  38-ماددا پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىغا ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ، ئادەمنى قۇتقۇزۇش روھى بويىچە، خاتالىقىنىڭ خاراكتېرىگە ۋە قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، تەنقىد-تەربىيە بېرىشى، ھەتتا ئىنتىزام جازاسى بېرىشى كېرەك.

  جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىنى جەزمەن پارتىيەدىن چىقىرىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدە پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە نىزامنامىسىگە ۋە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ۋاسىتىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىش ۋە قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. مۇشۇ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەرنى پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  39- ماددا پارتىيەنىڭ ئىنتىزام جازاسى بەش خىل بولىدۇ: ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ۋە پارتىيەدىن چىقىرىش.

  پارتىيىدە قالدۇرۇپ سىناش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش مەزگىلىدە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بولمايدۇ. پارتىيە ئەزاسى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش داۋامىدا خاتالىقىنى ھەقىقەتەن تۈزەتكەن بولسا، ئۇنىڭ پارتىيە ئەزاسىغا خاس ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك؛ تۈزەتمەي خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇۋالسا، پارتىيەدىن چىقىرىلىشى لازىم.

  پارتىيەدىن چىقىرىش—پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى جازا. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزاسىنى پارتىيەدىن چىقىرىشنى قارار قىلىش ياكى تەستىقلاش ۋاقتىدا، ئالاقىدار ماتېرىيال ۋە پىكىرلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشى، ئىنتايىن ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە