باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(15)

2012.12.03 16:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  40- ماددا پارتىيە ئەزاسىغا بېرىلىدىغان ئىنتىزام جازاسى ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسى ئارقىلىق قارار قىلىنىشى ۋە پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت؛ ئەگەر چېتىلىدىغان مەسىلىلەر بىرقەدەر مۇھىم ياكى مۇرەككەپ بولسا ۋە ياكى پارتىيە ئەزاسىغا پارتىيەدىن چىقىرىش جازاسى بېرىشكە توغرا كەلسە، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، پارتىيەنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ياكى ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا تەستىقلىتىش لازىم. ئالاھىدە ئەھۋالدا، پارتىيەنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ناھىيەدىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ھەم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە ئەزاسىغا ئىنتىزام جازاسى بېرىشنى بىۋاسىتە قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرىغا، كاندىدات ئەزالىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن چىقىرىش جازاسى بېرىشنى شۇ كىشى ئەزا بولغان كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئاۋاز بىلەن قارار قىلىشى شەرت. ئالاھىدە ئەھۋالدا، ئاۋۋال مەركىزىي كومىتېتنىڭ سىياسىي بىيۇروسى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقارسا، ئۇنى كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندا ئېتىراپ قىلسا بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان يۇقىرىدىكى جازا ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت.

  مەركىزىي كومىتېتنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنى پارتىيەدىن چىقىرىشنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى قارار قىلىدۇ؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنى پارتىيەدىن چىقىرىشنى شۇ دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ دائىمىي كومىتېتى قارار قىلىدۇ.

  41- ماددا پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزاسىغا جازا بېرىشنى قارار قىلىشتا، پاكىتنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى لازىم. جازا قارارىدا ئاساس قىلىنغان پاكىت ماتېرىياللىرىنى ۋە جازا قارارىنى جازالانغۇچىغا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئەھۋال توغرىسىدىكى ئىزاھلىرىنى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك. جازالانغۇچى جازا قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەرز قىلسا بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەرزنى مەسئۇللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى ياكى باستۇرۇپ قويماي يۇقىرىغا تېز يەتكۈزۈپ بېرىشى شەرت. خاتا پىكىردە ۋە يولسىز تەلەپتە چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان كىشىلەرگە تەنقىد-تەربىيە بېرىش لازىم.

  42- ماددا پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداش جەھەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا، سۈرۈشتە قىلىنىشى شەرت.

  پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەم ئۆزى تۈزىتەلمەيدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە قاراپ، شۇ تەشكىلاتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ياكى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئۆزىدىن يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، رەسمىي ئېلان قىلىپ ئىجرا قىلىشى كېرەك.

   8-باب پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى

  43-ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىشلەيدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ قوش رەھبەرلىكىدە ئىشلەيدۇ.

  پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

  پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى دائىمىي كومىتېتنى ۋە شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلارنى سايلايدۇ ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى دائىمىي كومىتېتنى ۋە شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلارنى سايلايدۇ ھەمدە ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلىشى ياكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ھەيئەت ئەزاسى قويۇشىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە تەشكىلاتى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەيدۇ. پارتىيەنىڭ باش ياچېيكا كومىتېتى ۋە ياچېيكا كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ھەيئەت ئەزاسى قويىدۇ.

  پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، مەركەز دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا پارتىيە ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ياكى ئىنتىزام تەكشۈرگۈچى ئەۋەتسە بولىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ياكى ئىنتىزام تەكشۈرگۈچى پارتىيەنىڭ شۇ ئورگاندىكى رەھبىرىي تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىرىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى پارتىيەنىڭ شۇ ئورگاندىكى رەھبىرىي تەشكىلاتى قوللىشى شەرت.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە