باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(5)

2012.12.03 16:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە ئىستىلى مەسىلىسى، پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش مەسىلىسى — پارتىيەنىڭ ھايات-ماماتىغا تاقىلىدىغان مەسىلە. پارتىيە ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، جازالاش-ئالدىنى ئېلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە قەتئىي بوشاشماي قارشى تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.

  تۆتىنچى، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى دېموكراتىيە ئاساسىدىكى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيەنىڭ ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈشىدۇر. ئۇ—ھەم پارتىيەنىڭ تۈپ تەشكىلىي پىرىنسىپى، ھەم ئاممىۋى لۇشيەننىڭ پارتىيە تۇرمۇشىدىكى تەتبىقلىنىشى. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتىپلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادكارلىقىنى جارى قىلدۇرۇش شەرت. توغرا مەركەزلەشتۈرۈش يولىنى تۇتۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى ۋە ھەرىكەت بىرلىكىگە، پارتىيە قارارلىرىنىڭ تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرت. تەشكىلچانلىق ۋە ئىنتىزامچانلىقنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىنتىزامى ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبىرىي ئورگانلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۈستىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئۆزىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى توغرا قانات يايدۇرۇپ، پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ئىدىيەۋى كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىشى كېرەك. مەركەزلەشتۈرۈشمۇ بولغان، دېموكراتىيەمۇ بولغان، ئىنتىزاممۇ بولغان، ئەركىنلىكمۇ بولغان، ئىرادە بىرلىكىمۇ بولغان، شەخسلەرنىڭ كۆڭۈل ئازادىلىكىمۇ بولغان جانلىق، جۇشقۇن سىياسىي ھالەتنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

  پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئاساسەن سىياسىي، ئىدىيەۋى ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىكتۇر. پارتىيە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە لايىقلىشىپ، ھاكىمىيەتنى ئىلمىي يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشى ۋە ياخشىلىشى كېرەك. پارتىيە ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ھەر خىل تەشكىلاتلاردا رەھبەرلىك يادرولۇقىغا خاس رولىنى جارى قىلدۇرۇشى شەرت. پارتىيە زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، ھەر جەھەتتىكى كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، خىزمەتنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى دەۋر قىلىپ قانات يايدۇرۇشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى شەرت. پارتىيە دېموكراتىك ۋە ئىلمىي ئاساستا تەدبىر بەلگىلەش يولىنى تۇتۇپ، توغرا لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ۋە ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي خىزمىتى ۋە تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق ۋە نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى شەرت. پارتىيە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى شەرت. پارتىيە دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرى ۋە مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتنى ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئالدىغا مەسئۇل بولۇپ، بىردەك ماسلىشىپ ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى شەرت. پارتىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى شەرت. پارتىيە ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە يارىشا رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، رەھبەرلىك ئۇسۇلىنى ياخشىلىشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى شەرت.

  كومپارتىيە ئەزالىرى پارتىيە سىرتىدىكى ئامما بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى شەرت.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە