باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(30)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-ئاينىڭ 28-كۈنى مەملىكەتلىك ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ، شى جىنپىڭ، خې گوچياڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 91 يىللىق كۈرەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ نەزەۋىيەۋى ئەۋزەللىكى، سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈردى. بۇنداق ئۆزگىچە ئەۋزەللىك پارتىيەمىزنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى باشتىن-ئاخىر ساقلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر.

  6-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەن «جياڭشىنىڭ جەنۇبى قاتارلىق سابىق مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى قوللاش توغرىسىدا بىر قانچە پىكىر»نى تارقاتتى. 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، گوۋۇيۈەن «شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا ئىنقىلابىي كونا رايونلىرىنى گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانى»نى تەستىقلىدى.

  6-ئاينىڭ 29-كۈنى مەركىزىي ھۆكۈمەت شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى بىلەن «<ئىچكىرى جايلار بىلەن شياڭگاڭنىڭ تېخىمۇ زىچ ئىقتىسادىي سودا مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش>نىڭ 9-تۇلۇقلىما كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى.

  6-ئاينىڭ 30-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27-قېتىملىق يىغىنىدا «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنىنىڭ قوشۇمچىسى−ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى باش مەمۇرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش چارىسىنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسى>نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللاندى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 2-قوشۇمچە نۇسخىسى: ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن كېڭىشىنى شەكىللەندۈرۈش چارىسىنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسى» ئەنگە ئېلىندى.

  6-ئاينىڭ 30-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نەزەر دائىرىسىدىكى دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستىراتېگىيەسى» تېمىسىدا مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇردى، ۋۇباڭگو رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى جەمئىي 26 قېتىم مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇردى.

  6-ئاينىڭ 30-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە ئىچىدىكى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. 2011-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 82 مىليون 602 مىڭغا، پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 4 مىليون 27 مىڭغا يەتتى.

  7-ئاينىڭ 1-كۈنى خۇ جىنتاۋ شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 4-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى، ئۇ: مەركىزىي ھۆكۈمەت «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى يولغا قويۇشتا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللاشتا، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن بىرلىكتە قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە قىلچە تەۋرەنمەيدۇ، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ يەنە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرگە تۆت تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 7-ئاينىڭ 2-كۈنى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ سۆز قىلدى. 7-ئاينىڭ 2-كۈنى: مەركىزىي ھۆكۈمەت ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى بىلەن «<ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن ئاۋمېننىڭ تېخىمۇ قويۇق ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش> قوشۇمچە كېلىشىمى »نى ئىمزالىدى. 7-ئاينىڭ 4-كۈنى: شەنشيا قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرقى قۇرۇلۇشى 700 كىلوۋوتلۇق غايەت زور گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ ۋاقىتتا، دۇنيا بويىچە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتر پونكىتى−سەنيشا ئېلېكتېر پونكىتىنىڭ 32 گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  7-ئاينىڭ 10-كۈنى: گوۋۇيۈەن «قىزىل كىرىست ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە: جۇڭگو-ئافرىقا ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 5-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. خۇ جىنتاۋ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەللىرىنىڭ يېڭىچە ئىستراتىگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش»دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا تەدبىر قوللىنىپ بەش نۇقتىلىق ساھە بويىچە ئافرىقىنىڭ تېنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە: مەملىكەتلىك جەمئىيەتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. جۇ يۇڭكاڭ: خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش، مۇلازىمەتنى، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت باشقۇرۇشنى يىلتىزىدىن، تۈپ ئاساستىن يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ياخشى ئايلىنىشى ۋە ئىلمىي تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە