باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(24)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3- ئاينىڭ 23- كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى تۈرلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر يېتەكچى پىكىر» نى تارقاتتى، «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ گراژدانلار ئارىسىدا قانۇن- تۈزۈم تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ 6- بەش يىللىق يىرىك پىلانى(2011-يىلدىن 2015- يىلغىچە» نى تەستىقلاپ تارقاتتى.

  4- ئاينىڭ 10- كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق) لىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەسمىي ۋەزىپىدىكى رەھبىرىي كادىرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە دائىر بىر قانچە بەلگىلىمە» نى تارقاتتى.

  4-ئاينىڭ 10-كۈنى «چۆمۈچ يۇلتۇزى» ناملىق 8- يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھى ئالەم بوشلۇقىدىكى بەلگىلەنگەن ئوربېتاغا غەلىبىلىك كىردى. «چۆمۈچ يۇلتۇزى» دائىرىلىك يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھى سېستىمىسىنىڭ ئاساسى سېستىما قۇرۇلۇشى تاماملاندى.

  4- ئاينىڭ 14- كۈنى «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» رەھبەرلىرىنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. خۇ جىنتاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىمان بولايلى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى. 2010- يىلى 12- ئايدا، «كېسەك ئالتۇن تۆت دۆلىتى» جەنۇبىي ئافرىقىنى رەسمىي ئەزا سۈپىتىدە ھەمكارلىق مېخانىزىمىغا قوبۇل قىلدى. «كېسەك ئالتۇن تۆت دۆلىتى» شۇ سەۋەبلىك «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» دەپ ئاتالدى.

  4- ئاينىڭ 19- كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «يېڭى ۋەزىيەتتىكى دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيىسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى.

  4- ئاينىڭ 24- كۈنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. خۇ جىنتاۋ يىغىندا سۆز قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 2008- يىلى 5- ئاينىڭ 3- كۈنى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقى بولغاندا، خۇ جىنتاۋ بۇ ئۇنىۋېرسىتېتقا كېلىپ خىزمەت تەكشۈردى. 2010- يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، 26- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، خۇ جىنتاۋ جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى، مائارىپ سېستىمىسىدىكى ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەر ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن مەملىكىتىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللىدى.

  5- ئاينىڭ 23- كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېزا ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى پاك ئادا قىلىشى توغرىسىدا بىر قانچە بەلگىلىمە (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» نى تارقاتتى.

  5- ئاينىڭ 27- كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «جۇڭگو يېزىلىرىنى يۆلەش- ئېچىش تىزىسى (2011-يىلدىن 2020- يىلغىچە)» نى تارقاتتى. 11- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە مەركەزنىڭ يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ يىغىندا سۆز قىلدى. يىغىندا دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى 2009- يىلىدىكى 1196 يۈەندىن 2300 يۈەنگە ئۆستۈرۈش (2010- يىلىدىكى قىممەت ئۆزگەرتىلمىدى) قارار قىلىندى.

  5- ئاينىڭ 31- كۈنى گوۋۇيۈەن «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش » تارقاتتى.

  6- ئاينىڭ 8- كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر» نى تارقاتتى.

  6- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە خۇ جىنتاۋ قازاقىستان، روسىيە، ئوكرائىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم قازاقىستاننىڭ ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 11- قېتىملىق يىغىنى، رۇسىيەنىڭ سان پېتىربورگتا ئۆتكۈزۈلگەن 15- نۆۋەتلىك سان پېتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشتى، ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ئاستانە خىتابنامىسى» نى ئىمزالىدى. جۇڭگو- روسىيە باراۋەر، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆز- ئارا بىر بىرىنى قوللايدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەپ ئورنىتىشنى قارار قىلدى.

  6- ئاينىڭ 13- كۈنى گوۋۇيۈەن «گېئوئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى توغرىسىدا قارار» نى تارقاتتى.

  6- ئاينىڭ 29- كۈنى گوۋۇيۈەن «مائارىپ سېلىنمىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش توغرىسىدا پىكىر» نى تارقاتتى.

  6- ئاينىڭ 30- كۈنى 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21- قېتىملىق يىغىنىدا شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىلدى، شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىشنىڭ تۆۋەن چېكى 2000 يۈەندىن 3500 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مەجبۇرلاش قانۇنى» غا قاراپ چىقىلدى.

  7- ئاينىڭ 1- كۈنى ج ك پ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. خۇ جىنتاۋ يىغىندا سۆز قىلدى، ئۇ سۆزىدە ج ك پ نىڭ 90 يىللىق شانلىق مۇساپىسى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ، پارتىيە ۋە خەلق ياراتقان قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ نىشان، ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى تارىخىي پەللىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سۈرىدىغان مۇھىم سىياسەت-يۆنىلىشلەرنى شەرھلىدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم نەزەرىيەسى سىتېمىسنى بېيىتىش، جۇڭگوچ سوتسىيالىزىم تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ۋۇ باڭگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شى جىنپىڭ «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىلىرىنى تەقدىرلەش ھەققىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە