باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(6)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە تەيۋەن دېڭىز بوغۇزى ئالاقە فوندىنىڭ باش مۇدىرى جياڭ بىڭكۈن باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولدى. دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكىلەر مۇناسىۋىتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چېن يۈنلىن بىلەن جياڭ بىڭكۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، توققۇز يىل ئۈزۈلۈپ قالغان «ئىككى يىغىن»نى تۈزۈملەشتۈرۈشنى كېڭىشىپ رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈردى. 2012-يىلى 8-ئايغىچە، سەككىز قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈپ، 18 تۈردە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.

  6-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە 5-نۆۋەتلىك ياۋروپا-ئاسىيا پارلامېنت ھەمشېرىكلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ۋۇ باڭگو باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى. يىغىندا «5-نۆۋەتلىك ياۋروپا، ئاسىيا پارلامېنت ھەمشېرىكلىرى يىغىنى خىتابنامىسى» ماقۇللاندى.

  6-ئاينىڭ 20-كۈنى خۇ جىنتاۋ «خەلق گېزىتى» ئىدارىسىنى كۆزدىن كۆچۈردى ھەم خەلق تورى ئارقىلىق تورداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. خۇ جىنتاۋ: جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە گۈللەنمە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىىنى يارىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  6-ئاينىڭ 23-كۈنى خۇ جىنتاۋ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 14-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 9-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ: ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى پەن-تېخنىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى كەلگۈسىگە يۈزلىنىشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تاللشى قىلىپ، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا تېخىمۇ ئاڭلىق ۋە قەتئىي مېڭىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى ئۈچ قېتىم ئاكادېمىكلار يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە شى جىنپىڭ شياڭگاڭغا بېرىپ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بەيگە مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەم شياڭگاڭنى كۆزدىن كۆچۈردى.

  7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە خۇ جىنتاۋ ياپونىيەنىڭ خوككايدودا ئۆتكۈزۈلگەن سەككىز دۆلەت گۇرۇھى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىشىش يىغىنى، جۇڭگو، ھىندىستان، بىرازىلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، مېكسىكىدىن ئىبارەت تەرەققىي قىلىۋاتقان بەش دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئۇچرىشىشى، ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى بويىچە رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشتى.

  7-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرى «جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ دۆلەت چېگرىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكى توغرىسىدىكى تولۇقلىما بايان مۇددىئانامىسى» ھەم قوشۇمچە ھۆججىتىنى ئىمزالىدى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ 4300 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان چېگرا ئومۇمىي لىنىيەسى بېكىتىلدى.

  7-ئاينىڭ 24 -كۈنى مەملىكەتلىك يېزا مۇھىتىنى ئاسراش خىزمىتى بويىچە تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى، لى كېچياڭ سۆز قىلدى.

  7-ئاينىڭ 25-كۈنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇرۇسى يىغىنىدا، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ئىقتىسادىي ۋەزىيەت كۆزدە تۇتۇلۇپ، ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى «ئىقتىسادنى سىلىق، تېزرەك تەرەققىي قىلدۇرۇش، مال باھاسىنىڭ زىيادە تېز ئۆسۈشىنى تىزگىنلەش»كە تەڭشەش قارار قىلىندى.

  8-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ-تيەنجىن شەھەرلەر ئارا تۆمۈر يولىدا تىجارەت رەسمىي باشلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋۇخەن-گۇاڭجۇ، جېڭجۇ-شىئەن، بېيجىڭ-شاڭخەي تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريوللىرىدا كەينى-كەينىدىن تىجارەت باشلاندى.

  8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە 29-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، 13-نۆۋەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېشىل ئو ت م، پەن-تېخنىكىلىق ئو ت م، گۇمانتارلىق ئو ت م ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئاممىغا تايىنىپ، خەلقئارا ئالاقە-ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بېيجىڭ ئو ت مۇ ۋە مېيىپلەر ئو ت م سىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى. 204 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى، 11 مىڭدىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچىسى بۇ نۆۋەتلىك ئوت م گە قاتناشتى، 147 دۆلەت ۋە رايوننىڭ 4000دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچىسى بۇ نۆۋەتلىك مېيىپلەر ئو ت م سىگە قاتناشتى.

  جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلەر ئۆمىكىدىكى ماھىرلار ئو ت م دا 51 ئالتۇن مېدال، 21 كۈمۈش مېدال ۋە 28 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال سانى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دۆلىتىمىز ماھىرلىرى 89 ئالتۇن مېدال، 70 كۈمۈش مېدال ۋە 52 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال سانى ۋە مېدالغا ئېرىشىش جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. بېيجىڭ ئو ت م ۋە مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. خۇجىنتاۋ: بېيجىڭ ئو ت م ۋە مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، بېيجىڭ ئو ت م ۋە مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جەريانىدا شەكىللەنگەن ئالىيجاناب روھنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە