باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(3)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2008-يىلى

  يىل بېشى جەنۇبىي جۇڭگودىكى قىسمەن جايلاردا ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق قار-مۇز ئاپىتى يۈز بەردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئارمىيە ۋە خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، قاتناش، توك، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

  1-ئاينىڭ 3-كۈنى گوۋۇيۈەن «يەرنى تېجەپ، تۈجۈپىلەپ ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» چىقاردى.1-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلەت پەن-تېخنىكا تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە 17- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جەمئىي بەش قېتىم مۇكاپاتلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. خۇ جىنتاۋ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مىن ئېنزې، ۋۇ جېڭيى، ۋاڭ جۇڭچېڭ، شۈ گۇاڭشيەن، گۇ چاۋخاۋ، سۈن جيادۇڭ، شى چاڭشۈ، ۋاڭ جېنيى، شيې جيالىن، ۋۇ لياڭيۇڭ قاتارلىقلارغا دۆلەتنىڭ ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىپ بەردى.

  1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. خۇ جىنتاۋ: چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. خې گوچياڭ خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  1-ئاينىڭ 16-كۈنى جيا چىڭلىن مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى، ئۇ: دىن خىزمىتىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىدىغان قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە مەملىكەتلىك ئىدىيىۋى تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ، لى چاڭچۈن سۆز قىلدى. خۇ جىنتاۋ: بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئومۇمىيەتنى چۆرىدەش، خەلققە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىياتى، زور گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  2-ئاينىڭ 3-كۈنى گوۋۇيۈەن «ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» چىقاردى.

  2-ئاينىڭ 7-كۈنى گوۋۇيۈەن «دۆلەت دېڭىز -ئوكيان ئىشلىرى تەرەققىياتى يىرىك پىلان تېزىسى»نى تەستىقلىدى.

  2-ئاينىڭ 16-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى « يەرلىك پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى سەپلەش ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  2-ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ، شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. خۇ جىنتاۋ: ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى، ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تېخىمۇ زامانىۋى تۈسكە ۋە تېخىمۇ مول ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  2-ئاينىڭ 22-كۈنى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشنىڭ 2-لىنىيە قۇرۇلۇشى باشلاندى. 2011-يىل 6-ئايغىچە غول لىنىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، 2012- يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشنىڭ 3- لىنىيە قۇرۇلۇشى باشلاندى.

  2-ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ج ك پ 17- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا «مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» ۋە «گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، 2020- يىلغىچە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئورنىتىىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خۇ جىنتاۋ سۆز قىلدى.

  3-ئاينىڭ 1- كۈنى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزى كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ: يېڭى تارىخىي پەللىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك نەزەرىيە سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى تىرىشىپ ئېچىش، ھازىرقى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى، دەپ تەكىتلىدى.

  3-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە سىياسى كېڭەش مەملىكەتلىك 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. جيا چىڭلىن سىياسى كېڭەش مەملىكەتلىك 10- نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. يىغىندا جيا چىڭلىن مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ۋۇ باڭگو 10 -نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ۋېن جياباۋ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. يىغىندا خۇ جىنتاۋ دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە، ۋۇ باڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتنىڭ باشلىقلىقىغا، شى جىنپىڭ دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى؛ ۋېن جياباۋنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى بولۇشى قارار قىلىندى، يىغىندا «گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھىسى» تەستىقلاندى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە