باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(14)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9-ئاينىڭ 19-كۈنى ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. خې گوچياڭ خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  9-ئاينىڭ 19-كۈنى گوۋۇيۈەن «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  9-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىنى چىڭ ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى داۋاملىق ئەستايىدىل، ئۈنۈملۈك ئادا قىلىپ، مۇناسىۋەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش، ئومۇمىيلىققا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  9-ئاينىڭ 21-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى «بەش بىر قۇرۇلۇشى» بويىچە تەقدىرلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، «مېي لەنفاڭ» ناملىق فىلىم قاتارلىق 164 ئەسەر مۇكاپاتلاندى. 2012-يىل 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى «بەش بىر قۇرۇلۇشى» (2009-يىلدىن 2012-يىلغىچە) بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى، «دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشى» ناملىق فىلىم قاتارلىق 176 ئەسەر مۇكاپاتلاندى.

  9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنىڭ نيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنى، 64-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنى ئادەتتىكى مۇنازىرىسى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك ۋە يادرو ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش باشلىقلار يىغىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ پىتىسبورگتا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 3-قېتىملىق پۇل مۇئامىلە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. خۇ جىنتاۋ 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە «جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. 9-ئاينىڭ 25-كۈنى پۇل مۇئامىلە باشلىقلار يىغىنىدا «ئېشىشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تەڭپۇڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

  9-ئاينىڭ 29-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 5-قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: 60 يىللىق تەجرىبىلەرنى بىر نۇقتىغا يەكۈنلىگەندە، بارلىق ئىشلاردا مەملىكىتىمىزدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشتىن ئىبارەت توغرا يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز كېرەك.

  10-ئاينىڭ 1-كۈنى پايتەختتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. خۇ جىنتاۋ سۆز قىلىپ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى، يېڭى جۇڭگونىڭ 60 يىللىق تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىدى، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تەرەققىيات ئىستىقبالىغا نەزەر سالدى. 200 مىڭ ھەربىي-خەلق ھەربىي پارات ۋە ئاممىۋى نامايىشنى كۆردى. خۇ جىنتاۋ پارات قىسمىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  10-ئاينىڭ 1-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «كادىرلارنى يەنىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ۋېن جياباۋ مىسىردا رەسمىي زىيارەتتە بولدى ھەم مىسىرنىڭ شام شەيختە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى 4-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، «جۇڭگو-ئافرىقىنىڭ يېڭى ئىسراتىگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ئافرىقا ھەمكارلىقىغا دائىر سەككىز يېڭى تەدبىرنى جاكارلىدى.

  11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە خۇ جىنتاۋ مالايسىيا، سىنگاپوردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 17-قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە