باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(19)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە خۇ جىنتاۋ كانادادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، «بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

  6-ئاينىڭ 24-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنى 2009-يىللىق مەركەزنىڭ نەقچوت دوكلاتىغا قاراپ چىقىشقا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا مەخسۇس سۈرۈشتۈرۈشنى تۇنجى قېتىم يولغا قويدى.

  6-ئاينىڭ 29-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەن «غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتىگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، كەلگۈسى 10 يىلدا غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە، غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، لى كېچياڭ سۆز قىلدى.

  6-ئاينىڭ 29-كۈنى دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىدىكىلەر مۇناسىۋىتى جەمئىيىتى ۋە تەيۋەن دېڭىزى بوغۇزى ئالاقىلىشىش فوندى جەمئىيىتى چۇڭچىڭدا «دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رامكا كېلىمىشى» ئىمزالىدى.

  6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىدىن بولۇشقا تىرىشىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم سۆز قىلدى.

  7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە ۋۇ باڭگو فرانسىيە، سېربىيە، شىۋېتسارىيەدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى ھەم جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-قېتىملىق دۇنيا پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ، «مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى»دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

  7-ئاينىڭ 8-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەن «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانى پىروگراممىسى(2020-2010)»نى بېسىپ تارقاتتى. 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك مائارىپ خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ سۆز قىلدى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، 2020-يىلىغىچە، ئېلىمىزدە مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىشچان جەمئىيەت قۇرۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقىدا كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ مېركېل بىلەن كۆرۈشۈپ ھەم سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  7-ئاينىڭ 19-كۈنى گوۋۇيۈەن «كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.

  7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشقا تىرىشىش پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قىسىم پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش كېرەك. 7-ئاينىڭ 25-كۈنى گوۋۇيۈەن «مەملىكەت بويىچە ئورمانلىقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى تېزىسى(2010-2020)»نى تەستىقلىدى.

  8-ئاينىڭ 8-كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جۇچۈ دېگەن يېرىدە پەۋقۇلئاددە زور لاتقا شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى، زور مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. گوۋۇيۈەن 18-ئۆكتەبىر «جۇچۈنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا مەدەت بېرىشكە دائىر سىياسەت-تەدبىرلەر توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى. 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سىياسى خىزمەت نىزامى»نى تارقاتتى.

  8-ئاينىڭ 13-، 14-كۈنى مەملىكەتلىك چەتكە ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى، ۋېن جياباۋ سۆز قىلدى.

  8-ئاينىڭ 18-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «پارتكوم ئاخبارات باياناتچىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە