باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(21)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى تەپتىش قىلىش بەلگىلىمىسى»نى تارقاتتى.

  10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، ئومۇمىي يىغىندا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 12-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: <12-بەش يىل> ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى ھالقىلىق مەزگىل، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان مەزگىل. <12-بەش يىللىق> يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى باش تېما، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم، بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلىشىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئاساس سېلىش كېرەك. خۇ جىنتاۋ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىغا ۋاكالىتەن ئومۇمىي يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ: ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھېلىھەم مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىلمىي تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تىزلىتىشىمىز كېرەك، دېدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تولۇقلاپ سايلاندى.

  10-ئاينىڭ 19-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا: مەملىكەت بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش، سېتىشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى مەركەزلىك يولغا قويۇش قارار قىلىندى. گوۋۇيۈەن 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش، سېتىشقا زەربە بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.

  10-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ يىغىندىن بۇرۇن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم يولداشلار ۋە قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  10-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-يىغىنىدا شى جىنپىڭنى دۆلەت مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قىلىپ تەيىنلەش قارار قىلىندى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى» ماقۇللاندى.

  11-ئاينىڭ 1-كۈنى مەملىكەت بويىچە 6-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش باشلاندى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2011-يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى نوپۇس تەكشۈرۈشكە ئائىت ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلدى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت نۆلگىچە، مەملىكىتىمىزنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليارد 370 مىليون 536 مىڭ 875 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، تىزىمغا ئېلىنغان چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىكى نوپۇس ۋە ھەربىيلەر 1 مىليارد 339 مىليون 724 مىڭ 852 كىشى.

  11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە خۇ جىنتاۋ فرانسىيە، پورتۇگالىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. جۇڭگو بىلەن فرانسىيە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، پىشقان، مۇقىم، دۇنياغا يۈزلەنگەن يېڭىچە ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلدى. جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

  11-ئاينىڭ 9-، 10-كۈنى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرۇن جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ كامېرۇن بىلەن كۆرۈشتى ۋە سۆھبەتلەشتى. لې كېچياڭ كامېرۇن بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئەنگلىيە سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

  11-ئاينىڭ 10-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى تارقاتتى.

  11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە خۇ جىنتاۋ كورىيە پايتەختى سېئولدا ئېچىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ۋە ياپونىيەنىڭ يوكوخاما شەھىرىدە ئېچىلغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىساد-ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 18-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە