باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(13)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاينىڭ17-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە: 11-قېتىملىق چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ سۆز قىلدى. خۇ جىنتاۋ: تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىچكى-تاشقى ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دىپلوماتىيە خىزمىتى ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنى سىياسىي جەھەتتە تېخىمۇ تەسىر كۈچگە ئىگە، ئىقتىسادىي جەھەتتە تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە، ئوبراز جەھەتتە تېخىمۇ يېقىنلىشىش كۈچىگە ئىگە، ھەققانىيەت جەھەتتە تېخىمۇ چاقىرىق كۈچىگە ئىگە دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ياخشى خەلقئارا مۇھىت ۋە تاشقى شارائىت ھازىرلاش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  7-ئاينىڭ 20-كۈنى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «ئىلمىي تەرەققىياتنى تېزلىتىدىغان پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمى قۇرۇش توغرىسىدا پىكىر» نى تارقاتتى.

  7-ئاينىڭ 23-كۈنى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى داۋاملىق ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئومۇمىي پىلانى ۋە ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تولۇقلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئۆرلەش يۈزلىنىشىنى مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلدى.

  7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى.

  8-ئاينىڭ 17-كۈنى: گوۋۇيۈەن «مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانى» نى تارقاتتى.

  8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە: خۇ جىنتاۋ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ: شىنجاڭنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا، بىر قولدا ئىسلاھات بىلەن تەرەققىياتنى، بىر قولدا ئىتتىپاقلىق بىلەن مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش؛ ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش؛ مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدا چىڭ تۇرۇشنى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  8-ئاينىڭ 27-كۈنى: 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-يىغىنىدا «كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا قارار» ماقۇللاندى.

  9-ئاينىڭ 1-كۈنى گوۋۇيۈەن «يېزىلارنىڭ يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  9-ئاينىڭ 9-كۈنى گوۋۇيۈەن «شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتىگىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  9-ئاينىڭ 14-كۈنى خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى «يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان 100 قەھرىمان نەمۇنىچى شەخس ۋە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بويان جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 100 شەخس» ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى.

  9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا ئائىت بىر قانچە چوڭ مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى. ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ماركسىزملىق ئۆگىنىشچان پارتىيە قۇرۇپ، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساس سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. خۇ جىنتاۋ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيوروسىغا ۋاكالىتەن ئومۇمىي يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركىسزىزىملىق ھاكىمىيەت پارتىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىگىلەپ ۋە ئاڭلىق تەدبىقلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئىلمىي تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىلگىرى سۈرۈشتە تىرىشىپ ئەمەلىي ئۈنۈم كۆرۈشتىن ئىبارەت.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە