باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(31)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە: ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك. خۇ جىنتاۋ: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەش بايرىقى ھەم پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، كۈرەش قىلىش بايرىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلگۈسى بەش يىلنى 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يىتىشنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئاساسى قىلىش، بۇ ئارقىلىق مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى ۋە ئاخىرىسىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم كۇرسنىڭ ئاياغلىشىش مۇراسىمىدا خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، 8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە: جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20-نۆۋەتلىك ئو ت م دا 38 ئالتۇن مېدال، 27 كۈمۈش مېدال، 23 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال ۋە مېدال ئومۇمىي سانىدا 2-ئورۇندا تۇردى؛ 14-نۆۋەتلىك مېيىپلار ئو ت م دا 95 ئالتۇن مېدال، 71 كۈمۈش مېدال، 65 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال ۋە مېدال سانىدا 1-ئورۇندا تۇردى.

  7-ئاينىڭ 31-كۈنى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئېچىپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ئانالىز قىلىپ ھەم تەتقىق قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كۆزلىمە نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 8-ئاينىڭ 6-كۈنى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «پارتىيىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى بېسىپ تارقاتتى.

  8-ئاينىڭ 6-كۈنى: گوۋۇيۈەن «دۆلەتنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئائىت <12-بەش يىللىق>يىرىك پىلان»نى تەستىقلىدى.

  8-ئاينىڭ 17-كۈنى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىغا ئالاھىدە مەدەت بېرىش پىلانى (قىسقىچە «دۆلەتنىڭ ئالاھىدە مەدەت بېرىش پىلانى»ياكى«ئون مىڭ كىشىلىك پىلان»)نى يولغا قويدى.

  8-ئاينىڭ 20-كۈنى: گوۋۇيۈەن «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. 9-ئاينىڭ 7-كۈنى مەملىكەتلىك ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى يىغىنى ھەم «ئىككى ئاساسەن»خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. ۋېن جياباۋ سۆز قىلدى.

  8-ئاينىڭ 22-كۈنى: گوۋۇيۈەن يىغىن ئېچىپ تارماقلارنىڭ 314 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى تەڭشەشنى قارار قىلىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇشىنى تەستىقلىدى. بۇنىڭ بىلەن گوۋۇيۈەن 10 يىلدىن بۇيان ئالتە تۈركۈمگە ئايرىپ ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن تۈر2497 گە يېتىپ، ئومۇمىي ساننىڭ ٪69.3 نى ئىگىلىدى.

  8-ئاينىڭ 24-كۈنى مەركىزىي پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پارتىيە 17-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر مۇھىم تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شى جىنپىڭ ، خې گوچياڭ سۆز قىلدى.

  8-ئاينىڭ 27-كۈنى مەركىزىي ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئەدلىيە تۈزۈلمىسى، مېخانىزمى ئىسلاھاتىغا ئائىت 12-قېتىملىق مەخسۇس دوكلات يىغىنى ئېچىلدى. جۇ يۇڭكاڭ سۆز قىلدى.

  8-ئاينىڭ 27-كۈنى گوۋۇيۈەن «ئوتتۇرا قىسىمدىكى رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە مىسىر زۇڭتۇڭى مۇرسى جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. خۇ جىنتاۋ مۇرسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ بىردەك دوستانە ئۆتۈش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە قوشۇلدى.

  8-ئاينىڭ 30-كۈنى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن شۇ جايدا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە