باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(23)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2011- يىلى

  1- ئاينىڭ 4- كۈنى گوۋۇيۈەن «شەندۇڭ يېرىم ئارىلى يېشىل ئىقتىسادىي رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى» نى تەستىقلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، يەنە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ جېجياڭ دېڭىز -ئوكيان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈلگە رايونى، گۇاڭدۇڭ دېڭىز-ئوكيان ئونۋېرىسال ئىقتىسادىي سىناق رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تەستىقلىدى.

  1- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 11- كۈنىگىچە ج ك پ 17 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. خۇ جىنتاۋ يىغىندا سۆز قىلىپ: ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. خې گوچياڭ خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  1- ئاينىڭ 11- كۈنى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى» 2- توم (1949-يىلدىن 1978- يىلغىچە) نەشر قىلىپ تارقىتىلدى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى» 1- توم (1921-يىلدىن 1949- يىلغىچە)غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ قايتىدىن بېسىلدى.

  1- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئاكتىپ ھەمكارلىشىدىغان، ئومۇميۈزلۈك جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا بەش تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككى دۆلەت «جۇڭگو- ئامېرىكا قوشما باياناتى»ئېلان قىلىپ، ئۆز- ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆز- ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان جۇڭگو- ئامېرىكا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى.

  1- ئاينىڭ 21- كۈنى گوۋۇيۈەن «دۆلەت يېرىگە سېلىنغان ئۆيلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش نىزامى» نى ئېلان قىلدى.

  1- ئاينىڭ 24- كۈنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ۋۇ باڭگو يىغىندا سۆز قىلدى ھەم مۇنداق دېدى: ئاساسى قانۇننى باشلامچى، ئاساسى قانۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى ۋە سودا قانۇنى قاتارلىق قانۇن تارماقلىرىنىڭ قانۇنىنى ئاساسىي غول، قانۇن، مەمۇرىي قانۇن- نىزام، يەرلىك نىزام قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق قانۇن قائىدىسىدىن شەكىللەنگەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سېستىمىسى شەكىللىنىپ بولدى.

  1- ئاينىڭ 30- كۈنى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. خۇ جىنتاۋ يىغىندا سۆز قىلدى ھەم مۇنداق دېدى: ئىدىيەدە بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە، نىشاندا قەلبداش، نىشانداش، ھەرىكەتتە قەلبداش، سەپەرداش بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كاپالىتى.

  2- ئاينىڭ 15- كۈنى گوۋۇيۈەن «ئومۇمىي خەلق چېنىقىش پىلانى (2011-يىلدىن 2015- يىلغىچە)» نى بېسىپ تارقاتتى. 2- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى باشلاندى. خۇ جىنتاۋ، شى جىنپىڭ، جۇ يۇڭكاڭ سۆز قىلدى. خۇ جىنتاۋ جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى شەرھىلەپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاش، ئىناقلىق ئامىللىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتىش، ئىناقسىزلىق ئامىللىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشتەك ئومۇمىي تەلەپنى مۇستەھكەم ئىگىلەشنى تەكىتلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئومۇمىي تەسەۋۋۇر ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 5- ئاينىڭ 30- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى. 7- ئاينىڭ 5- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن « جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدا پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى.

  2- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 3- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە لىۋىيەنىڭ دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغاچقا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى لىۋىيەدىكى جۇڭگولۇقلار (شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن 35 مىڭ 860 كىشىنى تەرتىپلىك، بىخەتەر چېكىنىشكە تۈركۈم بويىچە تەشكىللىدى. بۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ چەتئەلدىكى جۇڭگو گراژدانلىرىنى زور كۆلەملىك، تەرتىپلىك چېكىندۈرۈش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.

  2- ئاينىڭ 25- كۈنى 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسى (8)» ماقۇللاندى.

  2- ئاينىڭ 26- كۈنى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئاكتىپ، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش » تارقاتتى.

  3- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە مەملىكەتلىك 11- نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 4- قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. جيا چىڭلىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  3- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4- يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ۋۇ باڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ۋېن جياباۋ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 12- بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى» تەستىقلاندى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە