باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(7)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-ئاينىڭ 12-كۈنى گوۋۇيۈەن «شەھەرلەردىكى مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان پارچە ئوقۇش خىراجىتىنى بىكار قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. شۇ يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ شەھەرلەردىكى بارلىق مەكتەپلەردە مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان پارچە ئوقۇش خىراجىتى بىكار قىلىندى، شۇنىڭدىن باشلاپ شەھەر ۋە يېزىلاردا مەجبۇرىي مائارىپ ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلدى.

  2012-يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنى گوۋۇيۈەن «مەجبۇرىي مائارىپنى تەكشى راۋاجلاندۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  8-ئاينىڭ 20-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن «يەرلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ ئىسلاھات 2009-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاساسەن تاماملاندى. 2009-يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەركەز ئورگان ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ يېزا، بازار ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر‏»نى تارقاتتى.

  8-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە خۇجىنتاۋ كورىيە، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم تاجىكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى مۇدىرىيىتىنىڭ 8-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.9-ئاينىڭ 3-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە مەكتىپىنىڭ خىزمەت نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى.

  9-ئاينىڭ 7-كۈنى گوۋۇيۈەن «چاڭجياڭ دېلتا رايونىنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى. پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئىستىراتېگىيەسى ۋە مەملىكەت بويىچە سۇبيېكتىپ فونكسىيەسىگە ئىگە رايونلار پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، غەربىي رايوننى ئېچىۋېتىش ۋە شەرقىي شىمال قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا قىسىمدىكى رايونلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە شەرقىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر يۈرۈش رايون خاراكتېرلىك سىياسەت ھۆججىتى ۋە پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى.

  9-ئاينىڭ 13-كۈنى گوۋۇيۈەن دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت زور ۋەقەلەرگە 1-دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، «سەنلۇ» ماركىلىق بوۋاقلار سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى. 2010-يىل 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى قۇردى. 2012-يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، گوۋۇيۈەن «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار»نى بېسىپ تارقاتتى.

  9-ئاينىڭ 14-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە مىقياسىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى. 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، پارتىيە مىقياسىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا خۇجىنتاۋ، ۋېن جياباۋ ۋە شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. 2009-يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى يىغىن چاقىرىپ، مەركىزىي سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى 2008-يىلى 9-ئايدا باشلىنىپ، ئۈچ تۈركۈم بويىچە قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر بىر تۈركۈم يېرىم يىل ئەتراپىدا داۋاملىشىپ، 2010-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئاساسەن ئاخىرلاشتى.

  9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلىمىزدىكى تۇنجى ھېسابلاش قېتىم سانى 100 تىرىلىيون قېتىمدىن ئاشىدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كومپىيۇتېر شۇ گۇاڭ 5000A تيەنجىندە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 2009-يىلى ئېلىمىزدىكى تۇنجى ھېسابلاش قېتىم سانى 100تىرلىيون قېتىمدىن ئاشىدىغان ئالاھىدە كومپيۇتېر سىستېمىسى «تيەنخې 1-نومۇر» مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسالدى.

  9-ئاينىڭ 18-كۈنى گوۋۇيۈەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى.9-ئاينىڭ 23-كۈنى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى يىنچۈەندە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. خې گوچياڭ سۆز قىلدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە