باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(11)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2009-يىلى

  1-ئاينىڭ 1-كۈنى: قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلدى.

  1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە:17-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ يىغىندا سۆز قىلىپ: رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىپ،ياخشى ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن تۇرغۇزۇش ۋە جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى. خې گوچياڭ خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  1-ئاينىڭ 14-كۈنى: گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا ئاپتوموبىل كەسپى، پولات-تۆمۈر كەسپىنى تەڭشەش ۋە گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن توقۇمىچىلىق، جابدۇقچىلىق، كېمىسازلىق،ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، يېنىك سانائەت، نېفىت خىمىيە، رەڭلىك مېتال، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى تەڭشەش ۋە گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانى ماقۇللاندى.

  1-ئاينىڭ 14-، 16-كۈنلىرى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلدە كۆرسىتىش پائالىيىتى بويىچە مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى. خۇ جىنتاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

  1-ئاينىڭ 18-كۈنى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگوڭتىڭى «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھال ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى قەرەللىك كۈتۈۋېلىشى توغرىسىدا پىكىر» قاتارلىق ئۈچ ھۆججەتنى تارقىتىپ، يەرلىك كادىرلارنىڭ ئەرزىيەت قوبۇل قىلىشى، مەركەز ئورگانلىرى كادىرلىرىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈشى، زىددىيەت-ماجرالارنى تەكشۈرۈپ ھەل قىلىش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  1-ئاينىڭ 27-كۈنى: جۇڭگونىڭ تۇنجى جەنۇبىي قۇتۇپ ئىچكى قۇرۇقلۇقىنى ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتى− قاراقۇرۇم پونكىتى قۇرۇلدى. 1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە: ۋېن جياباۋ شىۋېتسارىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابىدا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. 1-ئايىنىڭ 28-كۈنى شىۋېتسارىيەدىكى داۋوستا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2009-يىللىق قاتنىشىپ، «ئىشەنچنى چىڭىتىپ،ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېشىشىغا تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدا ئالاھىدە سۆز قىلدى.

  2-ئاينىڭ 3-كۈنى: گوۋۇيۈەن «نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» تارقاتتى.

  2-ئاينىڭ 10-كۈنى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «مەملىكەت بويىچە پارتىيە، ھۆكۈمەت رھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ زاپاس كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ 2009 − 2020-يىللىق يىرىك پىلانى» نى تارقاتتى.

  2-ئاينىڭ 28-كۈنى: 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى» ماقۇللاندى.

  3-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. جيا چىڭلىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە: 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى ئېچىلدى. ۋۇ باڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ۋېن جياباۋ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپ، 2009- يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر يۈرۈش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە