باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(4)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئاينىڭ 10-كۈنى خۇ جىنتاۋ 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا: باياشات دۆلەت ۋە كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىستىراتىگىيەلىك ۋەزىپە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى. جۇڭگوچە ھەربىي- خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك، دېدى.

  3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە سىياسى كېڭەش مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ1- قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. جيا چىڭلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. 2012- يىلى10-ئايغىچە سىياسى كېڭەش مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتى جەمئىي 18 قېتىم يىغىن ئاچتى.

  3-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا، شىزاڭنىڭ لاسا قاتارلىق جايلىرىدا ئورۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى يۈز بەردى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى كونترول قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

  3-ئاينىڭ 19- كۈنى 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتى 1- قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. ۋۇ باڭگو سۆز قىلىپ: پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسى ئىستراتىگىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى رېئاللاشتۇرۇش، ياخشى قوغداش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  2012- يىلى 10-ئايغىچە 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى جەمئىي 29 قېتىم يىغىن ئاچتى.

  3-ئاينىڭ 28-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «مېيىپلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى. گوۋۇيۈەن 2011- يىلى 5-ئاينىڭ 16- كۈنى «جۇڭگو مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ<12-بەش يىللىق> تەرەققىيات تېزىسى»نى تەستىقلاپ تارقاتتى.

  4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە مەملىكەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئامانلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جۇ يۇڭكاڭ سۆز قىلدى.

  4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2008- يىللىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. خۇ جىنتاۋ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ئىسلاھات-ئېچىۋىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

  4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى باروزو ئېلىمىزدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى.

  4-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو- ياۋروپا ئىقتىساد -سودا يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  4-ئاينىڭ 29-كۈنى خۇ جىنتاۋ جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ پەخرىي رەئىسى ليەن جەن بىلەن كۆرۈشكەندە: ئىككى قىرغاق، ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۆز-ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، تالاش-تارتىشلارنى قويۇپ تۇرۇپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئىككىلا تەرەپ پايدا ئالىدىغان شارائىت يارىتىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتى، تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقىنى ھەقىقىي كۆزلەش ئۈچۈن، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك، دېدى.

  5-ئاينىڭ 5-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «ج ك پ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۈزۈمىگە دائىر ۋاقىتلىق نىزام»نى بېسىپ تارقاتتى.

  5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە خۇ جىنتاۋ ياپونىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. ئىككى تەرەپ «جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا قوشما بايانات» ئېلان قىلدى.

  5-ئاينىڭ 7-كۈنى گوۋۇيۈەن «تەيخۇ كۆلى ھەۋزىسىنىڭ سۇ مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئومۇمىي لايىھىسى»نى تەستىقلىدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە