باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(20)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-ئاينىڭ 26-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «شەھەرلەردە مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.

  8-ئاينىڭ 27-كۈنى مەملىكەتلىك قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ۋېن جياباۋ: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تاكتىكىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىشلىرىدا ئىدىيەدىن تارتىپ شەكىلگىچە بولغان ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، ئېلىمىز سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا تاشلىغان مۇھىم بىر قەدەم، دېدى.

  گوۋۇيۈەن 10-ئاينىڭ 10-كۈنى «قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.

  8-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىدا « <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى (قوشۇمچە 1) شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى باش مەمۇرىنىڭ بارلىققا كېلىش چارىسىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى>نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللاندى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى(قوشۇمچە 2) شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن كېڭىشىنىڭ بارلىققا كېلىش چارىسى ۋە ئاۋاز بېرىش تەرتىپىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى» ئەنگە ئېلىندى.

  8-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەن «كارخانىلارنى قوشۇۋېتىپ قايتا تەشكىللەشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.

  9-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى پايتەختتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلار خاتىرە تېشىغا گۈل قويدى. لى چاڭچۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  9-ئاينىڭ 6-كۈنى شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىدىن ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  9-ئاينىڭ 15-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدا پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.

  9-ئاينىڭ 15-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا «جۇڭگونىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەرىكەت پىلانى (2030-2011)» پىرىنسىپ جەھەتتە ماقۇللاندى. 2012-يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى لى كېچياڭ جۇڭگو جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە ئىلمىي، مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  9-ئاينىڭ 16-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى ۋەزىيەتتە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى. 9-ئاينىڭ 17-كۈنى لى كېچياڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندا، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت ئىجارە ئۆيى سېلىشنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى.

  9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە ۋېن جياباۋ ب د ت نىڭ نيۇ يوركتىكى باش ئىشتابىدا ئېچىلغان ب د ت ئېرا تەرەققىيات نىشانى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ۋە ب د ت 65-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشتى ھەم «ئېرا تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى» ۋە «ھەقىقىي جۇڭگونى تونۇيلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

  9-ئاينىڭ 22-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ۋە يېزا دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا، مۇۋاپىق، مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.

  10-ئاينىڭ 10-كۈنى گوۋۇيۈەن «ئىستىراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى قارار»نى تارقاتتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە