- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(25)
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى
2012.11.07 08:42
7-ئاينىڭ 1-كۈنى شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى مەملىكەت بويىچە باشلاندى، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2012-يىلى 7-ئايغىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق ئورنىتىلدى.
7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-كۈنىگىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. لى چاڭچۈن سۆز قىلدى.
7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە خې گوچياڭ فىرانسىيە، پولشا، سېربىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىراندا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى. 4-كۈنى فىرانسىيەنىڭ «خەنزۇ تىلى يىلى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
7-ئاينىڭ 11-كۈنى خۇ جىنتاۋ قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ 2- نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە زامانىۋى قوراللىق كۈچ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تەكىتلىدى.
7-ئاينىڭ 19-كۈنى شىزاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى لاسادا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تېلېگرامم ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ سۆز قىلدى.
7-ئاينىڭ 30-كۈنى گوۋۇيۈەن «جۇڭگونىڭ ئاياللار تەرەققىيات پىروگراممىسى(2011-2020)» ۋە «جۇڭگونىڭ بالىلار تەرەققىيات پىروگراممىسى(2011-2020)»نى تارقاتتى. 11-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە 5-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئاياللار، بالىلار خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ۋېن جياباۋ سۆز قىلدى.
8-ئاينىڭ 2-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.
8-ئاينىڭ 9-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق بەش تارماق ئاخبارات سېپىدە «ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئىستىل ئۆزگەرتىش، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش» پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.
8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە لى كېچياڭ شياڭگاڭغا بېرىپ دۆلەتنىڭ 12-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە ئىككى جاينىڭ ئىقتىساد، سودا، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇنبىرى، شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قۇۇرلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى كۆزدىن كۆچۈردى.
8-ئاينىڭ 21-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «جەمئىيەت ئامانلىقنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىنىڭ نامىنى مەركىزىي جەمئىيەت باشقۇرۇشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىغا ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقاتتى. 9-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇ يۇڭكاڭ كومىتېتنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.
8-ئاينىڭ 31-كۈنى گوۋۇيۈەن «<12- بەش يىللىق> ئېنېرگىيە تېجەش، بولغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ئۇنىۋېرسال خىزمەت لايىھەسى»نى تارقاتتى. 9-ئاينىڭ 27-كۈنى مەملىكەتلىك ئېنېرگىيە تېجەش، بولغىما چىقىرىشنى ئازايتىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى. ۋېن جياباۋ سۆز قىلدى.
9-ئاينىڭ 17-كۈنى گوۋۇيۈەن «جۇڭگو ياشانغانلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ 12-بەش يىللىق يىرىك پىلانى»نى تارقاتتى.
9-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي سېلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنىڭ يېتەكچى پىكرى»نى تارقاتتى.
9-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان«ئەرش ئوردىسى−1» ناملىق نىشانلىق ئۇچقۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. 11-ئاينىڭ 1-كۈنى «خاسىيەتلىك كېمە-8» ناملىق ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ، 3-كۈنى «ئەرش ئوردىسى-1» ناملىق نىشانلىق ئۇچقۇ بىلەن تۇنجى قېتىم ئادەمسىز تۇتاشتۇرۇلدى، 17-كۈنى يەر شارىغا ئوڭۇشلۇق قايتىپ كەلدى.
10-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇڭگولۇق 13 خادىم ھەيدىگەن ئىككى سودا پاراخوتى مىكون دەرياسىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، خادىملار زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. جۇڭگو مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە رازۋېتكا خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، جۇڭگو، لائۇس، بېرما، تايلاند مىكون دەرياسى ئېقىنىدا قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە بىخەتەرلىك-ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، مىكون دەرياسى ئېقىنىدا قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە بىرلىكتە چارلاشنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.
10-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ سۆز قىلىپ شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بەردى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق بايرىقىنى قەتئىي ئېگىز كۆتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە