باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(26)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە: ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشتىكى بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارار»ى ماقۇللىنىپ، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم فاڭجېنى، نىشان ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. خۇ جىنتاۋ يىغىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم: يۈكسەك مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە ئىشەنچى بىلەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. يىغىندا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنى 2012-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  10-ئاينىڭ 19-كۈنى: جۇ يۇڭكاڭ مەركەز سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنىدا: سىياسىي قانۇن كومىتېتى كادىر-ساقچىلىرىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنى «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، پىداكار، ئادىل ۋە پاك بولۇش»قا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

  10-ئاينىڭ 19-كۈنى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى.

  10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە: خۇ جىنتاۋ ئاۋىستىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم فىرانسىيەنىڭ گانا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 6-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا، «كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدا ئىزدىنىش» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

  11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە: خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 19-قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  11-ئاينىڭ 14-كۈنى: مەمۇرىيەت تەستىقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتى تېلېفۇن-سىن يىغىنى ئېچىلدى. ۋېن جياباۋ يىغىندا سۆز قىلدى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەمۇرىيەت تەستىقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مەمۇرىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا بولۇپ، ئۇنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى چەكلەيدىغان تۈزۈلمە ۋە مېخانىزم توسالغۇلىرىنى يەنىمۇ يوقىتىش كېرەك.

  11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە: جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 9-قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 8-قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ، لى چاڭچۈن يىغىندا سۆز قىلدى.

  11-ئاينىڭ 26-كۈنى: گوۋۇيۈەن «ئىلمىي ۋە بىخەتەر تەرەققىي قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇقىم ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  12-ئاينىڭ 11-كۈنى: خۇ جىنتاۋ جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ، ئون يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكار بولغان ئىسلاھات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە: مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ يىغىندا سۆز قىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي مېلودىيەسىنى ياخشى ئىگىلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم ھەم ساغلام بولغان پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش خىزمىتىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ھەم تېزرەك تەرەققىي قىلىشى ۋە مال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

  12-ئاينىڭ 20-كۈنى: مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى. لى چاڭچۈن يىغىندا سۆز قىلدى.

  12-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە: 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مۇھىت ئاسراش يىغىنى ئېچىلدى. لى كېچياڭ يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىيات داۋامىدا قوغداش، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت ئاسراشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىلمىي تەرەققىيات ۋە ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە