باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(16)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ئاينىڭ 23-كۈنى «دېڭ شياۋپىڭ يىللىق شەجەرىسى(1904-يىلدىن 1974-يىلغىچە)» نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

  12-ئاينىڭ 25-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  12-ئاينىڭ 26-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارال قوغداش قانۇنى» ماقۇللاندى.

  12-ئاينىڭ 31-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  12-ئاينىڭ 31-كۈنى گوۋۇيۈەن «خەينەن خەلقئارا ساياھەت ئارىلى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  12-ئايدا «ماركس، ئېنگىلىس ئەسەرلىرى توپلىمى» نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى.

  2010-يىلى

  1-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونى رەسمىي ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى.

  1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. خې گوچياڭ خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  1-ئاينىڭ 18-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا پاك بولۇشىغا دائىر بىر قانچە مىزان»نى تارقاتتى.

  1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە مەركەزنىڭ 5-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن سۆز قىلدى. خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە، شىزاڭچە تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا، دۆلەت بىخەتەرلىكى، شىزاڭنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىگە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆسۈشىگە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، دېموكراتىك، باياشات، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك يېڭى شىزاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  1-ئاينىڭ 29-كۈنى 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك چېگرا، دېڭىز مۇداپىئەسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، لى چاڭچۈن، جۇ يۇڭكاڭ بارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى «يېڭى ۋەزىيەتتە چېگرا، دېڭىز مۇداپىئەسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.

  2-ئاينىڭ 3-كۈندىن 7-كۈنىگىچە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تىزلىتىش مەخسۇس تېما مۇھاكىمە كۇرسى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ سۆز قىلدى. خۇ جىنتاۋ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تەۋرەنمەي تېزلىتىپ، كېيىنكى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدىكى خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەكىتلىدى.

  2-ئاينىڭ 26-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى قانۇنى» ماقۇللاندى.

  2-ئايدا «جياڭ زېمىن ئىدىيەسىنىڭ يىللىق مەجمۇئەسى»(2008-1989)نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. بۇنىڭ ئالدى كەينىدە «جياڭ زېمىن تاللانما ئەسەرلىرى»(ئۈچ توم)تومى، مىللىي يېزىقتىكى نەشرى ھەم 1-، 2-تومىنىڭ چەت ئەل يېزىقىدىكى نەشرى، جياڭ زېمىننىڭ «جۇڭگونىڭ ئۇچۇر تېخنىكا كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا بايان»، «جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسى توغرىسىدا تەتقىقات» خەنزۇچە، ئىنگلىزچە يېزىقتىكى نەشرى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە