باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(9)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تىرىشىپ دەۋرگە مۇناسىپ يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىلدى.

  11-ئاينىڭ 5-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ دۆلىتىمىزگە كۆرسەتكەن تەسىرى مۇھاكىمە، تەھلىل قىلىندى، مەركەز بېكىتكەن مالىيە سىياسىتى ۋە مۇۋاپىق قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىچكى ئېھتىياجنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئون تۈرلۈك تەدبىرى بېكىتىلدى، ئىككى يىلدا 4 تىرىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانى تۈزۈلدى. 10-كۈنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنى ئېچىلدى. ۋېن جياباۋ سۆز قىلىپ: بۇ تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى − ھەرىكەت تېز، تەدبىر توغرا، خىزمەت ئەمەلىي بولۇش دەپ تەكىتلىدى.

  11-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى «جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب رايونىغا قاراتقان سىياسەت ھۆججىتى»نى تۇنجى قېتىم رەسمىي ئېلان قىلدى.

  11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى توغرىسىدىكى يىغىنى، پېرۇ پايتەختى لىمادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 16-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ۋە كوستارىكا، كۇبا، پېرۇ، گرىتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. 15-كۈنى باشلىقلار يىغىنىدا «ئورتاق ھەمكارلىشىپ، جاپالىق كۈنلەرنى تەڭ ئۆتكۈزۈش» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

  12-ئاينىڭ 5-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.

  12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ سۆز قىلدى. يىغىندا: خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئېغىر زەربىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، مەۋقەنى ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك ئېشىشىنى ساقلاشقا قويۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىشلىق قىيىن نۇقتا ۋە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تېز ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.

  12-ئاينىڭ 11-كۈنى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى نەننىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تېلېگرامما ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى، جۇ يۇڭكاڭ سۆز قىلدى. 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋېن جياباۋ ياپونىيەنىڭ فۇكۇئوكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق 3+10 رامكىسى سىرتىدىكى جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى. ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى قوشما بايانات ئىمزالاپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلدى.

  12-ئاينىڭ 15-كۈنى دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكىلەر بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، فۇجۇ، شېنجېن ۋە تەيبېي، گاۋشيۇڭ، جىلۇڭ قاتارلىق شەھەرلەردە دېڭىز، ھاۋادا بىۋاسىتە قاتناش ۋە بىۋاسىتە پوچتا ئالاقىنى باشلاش ۋە ئۇنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ «ئۈچ ئالاقە»سىدە تارىخىي قەدەم تاشلاندى.

  12-ئاينىڭ 17-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا 2009-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويغان مەكتەپلەردە نەتىجە-ئۈنۈم مائاشىنى يولغا قويۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قارار قىلىندى. 2009-يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا جامائەت سەھىيەسى ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش، ساقلىق ساقلاش كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە باشقا كەسپىي ئورۇنلاردا نەتىجە-ئۈنۈم مائاشىنى يولغا قويۇش قارار قىلىندى.

  12-ئاينىڭ 18-كۈنى پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ سۆز قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىللىق ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپە ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ۋە خۇلاسىلەپ، پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە تارىخىي تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى «ئوننى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش نىشانىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. 30 يىللىق تارىخىي نەتىجىلەرنى بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلىغاندا ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز يولىمىزدا مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش، دەپ تەكىتلىدى.

  12-ئاينىڭ 18-كۈنى گوۋۇيۈەن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، چەككىلەنگەن ماي باھاسى ۋە باج-ھەق ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت قەرز قايتۇرىدىغان 2-دەرىجىلىك تاشيوللاردىن ھەق ئېلىشنى تەدرىجىي، تەرتىپلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  12-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى تارقىتىپ، كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئادەتتىكى تاۋار ئۆي ئىستېمالىنى يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈشنى قارار قىلدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە