باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(29)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە لى كېچياڭ روسىيە، ۋېنگرىيە، بېلگىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى باش شىتابىدا رەسمىي زىيارەتتە بولدى.

  4-ئاينىڭ 28-كۈنى، موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە «جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزەيلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارروسو بىلەن «جۇڭگو-ياۋروپا بازارلاشتۇرۇش ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورتاق خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى.

  5-ئاينىڭ 4-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. خۇ جىنتاۋ سۆز قىلىپ، ياشلارنىڭ ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش، جاپاغا چىداپ ئۆگىنىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ يېڭىلىق يارىتىش، ئالىيجاناپ ئەخلاق-پەزىلەت يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  5-ئاينىڭ 23-كۈنى يولداش ماۋزېدۇڭنىڭ «يەنئەن ئەدەبىيات-سەنئەت سۆھبىتىدە سۆزلىگەن سۆزى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. لى چاڭچۈن سۆز قىلدى.

  5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە مەملىكەتلىك شىنجاڭغا 3-قېتىملىق نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. لى كېچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ سۆز قىلدى. 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى. لى چاڭچۈن: قۇرۇلۇش 2004-يىلى باشلانغاندىن بۇيان، مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىدىيە-نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنىڭ نامايەندە قۇرۇلۇشىغا ئايلاندى، دېدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قۇرۇلۇشنى يۈكسەك نەزەرىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە نەزەرىيەۋى ئىشەنچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيە-نەزەرىيە قۇرۇلۇشى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى «ئۇزاققىچە تېنچ بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان رايون بەرپا قىلىش خىتابنامىسى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئىمزالىدى.

  6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە خۇ جىنتاۋ دانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم مىكسىكىنىڭ لوس كارۋوستا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، «مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

  6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى جىڭ خەيپېڭ، ليۇ ۋاڭ، ليۇ ياڭ چۈشكەن « خاسىيەتلىك كېمە− 9» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلدى، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم بوشلۇقىغا چىقتى، 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋە 24-كۈنى بۇ ئالەم كېمىسىنى «ئەرش ئوردىسى− 1 »بىلەن ئاپتوماتىك ۋە قولدا كونترول قىلىپ جىپسىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئالەم كېمىسى ئوڭۇشلۇق قايتىپ قۇرۇقلۇققا قوندى.

  6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ۋېن جياباۋ بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرودا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىغىنىغا قاتناشتى ۋە بىرازىلىيە، ئۇرۇگۋاي، ئارگىنتىنا، چىلىدا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، ب د ت ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىغىنىغا قاتناشتى ۋە «ئىنسانلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق ئاچايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى، ب د ت ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىغىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  6-ئاينىڭ 21-كۈنى، «ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەر ۋە رىئو+20» يۇقىرى دەرىجىلىكلەر تەرەپلەر يىغىنى ۋە جۇڭگو مۇھىت ۋە تەرەققىيات خەلقئارا ھەمكارلىق كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى باش تېمىسىدىكى تەرەپلەر يىغىنىغا قاتناشتى. 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، ب د ت لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئىقتىساد كومىتېتىدا «مەڭگۈ ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلاردىن بولايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

  6-ئاينىڭ 21-كۈنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: گوۋۇيۈەن ۋىلايەت دەرىجىلىك سەنشا شەھىرى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى، سەنشا شەھىرى شىشا تاقىم ئاراللىرى، جۇڭشا تاقىم ئاراللىرى، نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى ئارال خادا تاشلىرى ۋە دېڭىز تەۋەلىكىنى باشقۇرىدۇ. سەنشا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىشانىڭ يۇڭشىڭ ئارىلىغا جايلىشىدۇ، دەپ ئۇقتۇرۇش چىقاردى. 7-ئاينىڭ 24-يىغىنى، سەنشا شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  6-ئاينىڭ 27-كۈنى «سۇ ئەجدىھاسى» ناملىق ئادەملىك چۆكمە ئەسۋابىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر چۆكۈش چوڭقۇرلۇقى 7062 مېتىرغا يېتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ چوڭقۇر دېڭىز ئۈسكۈنىسى ۋە چوڭقۇر دېڭىز تېخنىكىسىدىكى زور بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە