باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(10)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ھازىر دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.

  12-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت مۇنبىرى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. جيا چىڭلىن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ئىقتىساد، ئالاقە ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرايلى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

  12-ئاينىڭ 23- -كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ چەت ئەللەردىكى يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى جەلپ قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى تارقاتتى. 2012-يىلى 8-ئايغا قەدەر چەت ئەلدىكى 2793 يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىق جەلپ قىلىندى. 12-ئاينىڭ 24-كۈنى خۇ جىنتاۋ ئارمىيەنىڭ بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىنىدا ھازىرقى زامان ئىنقىلابىي ھەربىيلىرىنىڭ «پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلقنى سۆيۈش، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، ۋەزىپىگە ئۆزىنى بېغىشلاش، شان-شەرەپنى قەدىرلەش» يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن ئارمىيەدىن زامانىۋى ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈشنى ئىدىيەۋى-سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم ئاساسىي قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

  12-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوت ئەترىتى خەينەندىكى سەنيادىن ئادېن دېڭىز قولتۇقى، سومالى دېڭىز رايونىغا قوغداش ۋەزىپىسى ئۆتەشكە يۈرۈپ كەتتى. بۇ ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ، چەت ئەلگە چىقىپ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئىتىنى قوغدىشى، تۇنجى قېتىم دېڭىزدا جەڭ قىلىش كۈچىنى تەشكىللەپ، چەت ئەلگە چىقىپ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك مۇجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، تۇنجى قېتىم يىراق دېڭىزدا ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ، مۇھىم تىرانسپورت لىنىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى.

  12-ئاينىڭ 30-كۈنى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئوبوروتنى جانلاندۇرۇپ، ئىستېمالنى كېڭەيتىش توغرىسىدا پىكىر»نى تارقاتتى. بۇنىڭ ئالدى-كەينىدە دۆلەت ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش، ئاپتوموبىلنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىش قاتارلىق ئوبوروتنى جانلاندۇرىدىغان، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرقاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.

  12-ئاينىڭ 31-كۈنى خۇ جىنتاۋ «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەت» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى ئالتە نۇقتىلىق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  12-ئاينىڭ 31-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «2009-يىللىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى تارقاتتى.

  12-ئاينىڭ 31-كۈنى گوۋۇيۈەن «جۇجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات يىرىك پىلانى تېزىسى(2008- 2020)»نى تەستىقلىدى. 2010-ۋە 2011- يىللىرى «گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ ھەمكارلىقىنىڭ رامكا كېلىشىمى» ۋە «گۇاڭدۇڭ-ئاۋمېن ھەمكارلىقىنىڭ رامكا كېلىشىمى» بېيجىڭدا ئىمزالىنىپ، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىقى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە