باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(5)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-ئاينىڭ 8-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى، «نۇر گېزىتى» بىرلىكتە ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇزاكىرىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. لى چاڭچۈن سۆز قىلدى.

  5-ئاينىڭ 12-كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيەسىدە 8 بال يەر تەۋرىدى. ئاپەت رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 500 مىڭ كۋادرات مېتىرغا، ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشى 46 مىليون 250 مىڭغا يېتىپ، 69 مىڭ 227 قېرىندىشىمىز قازا قىلدى، 17 مىڭ 923 قېرىندىشىمىز دېرەكسىز يوقاپ كەتتى، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 845 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى. 18-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئېلان چىقىرىپ 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە مەملىكەت بويىچە ماتەم تۇتۇشنى قارار قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىرادىسىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، مەملىكىتىمىز تارىخىدا قۇتقۇزۇش سۈرئىتى ئەڭ تېز، سەپەرۋەرلىك دائىرىسى ئەڭ كەڭ، سەرپ قىلىنغان كۈچ ئەڭ زور بولغان يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى دەرھال تەشكىللەپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئاپەت رايونىنى قايتا قۇرۇش فاڭجېنىنى تۈزۈپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈچ يىلدا تاماملاشنى قارار قىلدى ھەم مەلىكىتىمىزدىكى بارلىق كۈچلەرنى نىشانلىق ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدى.

  10-ئاينىڭ 8-كۈنى، مەملىكەتلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ سۆز قىلىپ: پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتتە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، يۇرتنى قايتا قۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىگە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ھەم تېز، ھەم ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك، دېدى. 2010-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا، يۇرتنى قايتا قۇرۇشتىكى ئۈچ يىللىق ۋەزىپە ئىككى يىلدا ئاساسەن ئورۇندالدى.

  5-ئاينىڭ 12-كۈنى گوۋۇيۈەن «شەھەر ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار»نى تارقاتتى.

  5-ئاينىڭ 13-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ 2008-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان خىزمەت يىرىك پىلانى»نى تارقاتتى.

  5-ئاينىڭ 18-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى «ئالاھىدە پارتىيە بەدەل پۇلى» تاپشۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. 11-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، مەملىكىتىمىزدىكى 45 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى ئۆزلۈكىدىن 9 مىليارد 730 مىليون يۈەن «ئالاھىدە پارتىيە بەدەل پۇلى» تاپشۇردى.

  5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. خۇ جىنتاۋ مېدۋېدېۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم «جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ خەلقئارا زور مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئىمزالىدى.

  5-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇ جىنتاۋ جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋۇ بوشيوڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنى يېڭى ۋەزىيەتتە تەرەققىي قلىدۇرۇش توغرىسىدا كۆپ خىل ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. خۇ جىنتاۋ: گومىنداڭ پارتىيەسى بىلەن كومپارتىيەنىڭ ۋە ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، «ئىككى قىرغاقنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئورتاق ئارزۇ»غا ئەمەل قىلىپ ھەم ئۇنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دەپ تەكىتلىدى.

  6-ئاينىڭ 5-كۈنى گوۋۇيۈەن «دۆلەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەلىك تېزىسى»نى تارقاتتى.

  6-ئاينىڭ 8-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، بەش يىلچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى ئېنىقلاش ۋە ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى ئاساسەن ئورۇنداشنى تەلەپ قىلدى؛ ئورمانلىقنىڭ ھۆددىگە ئېلىش مۇددىتىنى 70 يىل قىلىشنى، ھۆددە مۇددىتى توشقاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە داۋاملىق ھۆددىگە ئالسا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە مەركەزنىڭ ئورمانچىلىق خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، ۋېن جياباۋ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم سۆز قىلدى.

  6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ 16-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. لى چاڭچۈن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى. 14-كۈنى، خۇ جىنتاۋ ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئىتتىپاق 16-قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، مەملىكىتىمىز ياشلىرىنىڭ غايە ۋە ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئىجتىھات بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئالىيجاناپ پەزىلەت يېتىلدۈرىشىنى ئۈمىد قىلدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە