باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(27)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە: مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ۋېن جياباۋ يىغىندا: پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەسلەپ، سانائەتلەشتۈرۈش ۋە شەھەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» خىزمىتىدىكى پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك بىرقانچە مۇھىم مەسىلىنى شەرھلىدى. 31-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئىزچىل ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  12-ئاينىڭ 29-كۈنى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «دۆلەتنىڭ <12-بەش يىل>دىكى مەدەنىيەت ئىسلاھاتى تەرەققىيات يىرىك پىلان تېزىسى»نى بېسىپ تارقاتتى.

  2012-يىلى

  1-ئاينىڭ 1-كۈنى: مۇشۇ كۈندىن باشلاپ 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن دەم ئېلىشقا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن ھەم كارخانىلاردىن دەم ئېلىشقا چىقىپ ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى ھەر ئايدا ئېلىۋاتقانلارنىڭ ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى يەنە ئۆستۈرۈلىدۇ. 2011-يىلى كارخانىلاردىن دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ سۇغۇرتا پۇلى ئايلىق ئوتتۇرىچە ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ٪10 ى بويىچە تەڭشىلىدۇ. كارخانىلاردىن دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىدە «سەككىزنى ئۇدا ئۆستۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە: مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ۋېن جياباۋ يىغىندا سۆز قىلدى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشتەك ماھىيەتلىك تەلىپىدە، بازارنىڭ پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى تەقسىملەش ئىسلاھات خاھىشىدا، يېڭىلىق يارىتىش بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيەسىدە، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشنى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ ھاياتلىق لىنىيەسىگە ئايلاندۇرۇشتا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىلگىرىلەپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئىسلاھات فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە: 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. خۇ جىنتاۋ يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ پاكلىقىنى ساقلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يىغىندا خې گوچياڭ خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  1-ئاينىڭ 12-كۈنى: گوۋۇيۈەن «سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتىكى ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى.

  1-ئاينىڭ 17-كۈنى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا: 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى شەھەر، بازار نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ٪51.27ىنى ئىگىلەپ، تۇنجى قېتىم يېزا نوپۇسىدىن ئېشىپ كەتتى.

  2-ئاينىڭ 2-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىل زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە