باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(15)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئاينىڭ 11-كۈنى خەلق ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 11-ئاينىڭ 8-كۈنى خۇ جىنتاۋ ھاۋا ئارمىيەسىدىكى پېشقەدەم يولداشلار، قەھرىمانلار، نەمۇنىچىلار ۋە ئۇچقۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە سۆز قىلدى.

  11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. خۇ جىنتاۋ ئوباما بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ «جۇڭگو-ئامېرىكا قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلىپ، 21-ئەسىردە پائال، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلاشقان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى كۈچەپ ئورنىتىش ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرىدىغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى پۇختا ئورنىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  11-ئاينىڭ 17-كۈنى گوۋۇيۈەن «تەمىنات-سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  12-ئاينىڭ 1-كۈنى گوۋۇيۈەن «ساياھەتچىلىكنى تېز راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. 12-ئاينىڭ 2-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا: 2009-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلىرىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار يېزا ئوقۇغۇچىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كەسىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، دەپ قارار قىلىندى.

  2012-يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا: 2012-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسى بارلىق يېزا (ناھىيە بازارلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇغۇچىلىرى، شەھەرلەردىكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كەسىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغىچە كېڭەيتىلىدۇ، دەپ قارار قىلىندى.

  12-ئاينىڭ 3-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «2010-يىلدىن 2020-يىلغىچە كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىرىك پىلان تىزىسى»نى بېسىپ تارقاتتى.

  12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ سۆز قىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇۋاپىق قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئەھۋالغا ئاساسەن سىياسەتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە جانلىقلىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىشكە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ساقلاشقا، ئىچكى-تاشقى ئىككى چوڭ ئومۇمىيلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك راۋاجلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە ۋېن جياباۋ دانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كوپىنھاگىن كېلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىپ، «ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. 12-ئاينىڭ 18-كۈنى مەركەزنىڭ سەييارە تەكشۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى. خې گوچياڭ سۆز قىلدى.

  12-ئاينىڭ 18-كۈنى مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى. جۇ يۇڭكاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، قانۇننى ئادىل، پاك ئىجرا قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز راۋاجلىنىشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  12-ئاينىڭ 20-كۈنى خۇ جىنتاۋ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 3-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا چۈشىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاۋمېن نېگىزلىك قانۇنىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە