باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(17)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئاينىڭ 3-كۈندىن 13-كۈنىگىچە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، جيا چىڭلىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ۋۇ باڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ۋېن جياباۋ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  يىغىندا «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»ماقۇللاندى، شەھەر بىلەن يېزىلاردا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئوخشاش نوپۇس نىسبىتىدە سايلاش يولغا قويۇلدى.

  3-ئاينىڭ 7-كۈنى 8-مارت خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا جۇ جىنتاۋ سۆز قىلدى.

  3-ئاينىڭ 7-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمىتىدە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى(سىناق نۇسخىسى)»نى بېسىپ تارقاتتى.

  3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە شى جىنپىڭ روسىيە، بىلارۇسىيە، فىنلاندىيە، شىۋېتسىيەلەردە رەسمىي زىيارەتتە بولدى. 23-مارت، شى جىنپىڭ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-روسىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر سۆھبىتى مېخانىزمىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا پارتىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر سۆھبىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ تۈزۈلمە خاراكتېرلىك ئالاقىسى رەسمىي يولغا قويۇلدى.

  4-ئاينىڭ 1-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەن «مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلان تېزىسى»(2020-2010)نى بېسىپ تارقاتتى.

  5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، شى جىنپىڭ، سۆز قىلدى. خۇ جىنتاۋ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشنى تەكىتلىدى.

  4-ئاينىڭ 5-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشقا تىرىشىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تەستىقلاپ تارقاتتى.

  4-ئاينىڭ 6-كۈنى پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا خۇ جىنتاۋ سۆز قىلدى، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدىكى تەجرىبە ۋە تەسەۋۇرنى مۇپەسسەل بايان قىلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش روھى بويىچە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  4-ئاينىڭ 6-كۈنى: گوۋۇيۈەن «چەت ئەل مەبلىغىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى تارقاتتى.

  4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن يادرو بىخەتەرلىكى بويىچە باشلىقلار يىغىنى ۋە برازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن BRIC باشلىقلىرىنىڭ 2-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەم بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولدى.

  4-ئاينىڭ 14-كۈنى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ يۈشۇدا 7.1 بال يەر تەۋرەپ، يەرلىكتىكى خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىگە زور زىيان ئېلىپ كەلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە ئارمىيە بىلەن خەلق زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىدا زور غەلىبىگە ئېرىشتى.

  5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گوۋۇيۈەن «يۈشۇدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا ئائىت سىياسەت، تەبىرلەرنى يولغا قويۇشنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۈچ يىل سەرپ قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  4-ئاينىڭ 17-كۈنى گوۋۇيۈەن «قىسمەن شەھەرلەردە ئۆي باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە تېز ئۆرلەپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.

  4-ئاينىڭ 27-كۈنى 2010-يىلى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا خۇ جىنتاۋ: پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى ئارقىلىق خەلققە تەسىر كۆرسىتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ئارقىلىق جەمئىيەت ئېقىمىنى يېتەكلەشنى تەكىتلىدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە