باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(18)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە جۇڭگو 2010-يىللىق شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى، «شەھەردە تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولغۇسى»باش تېما قىلىندى. 246 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات كۆرگەزمىگە قاتناشتى. جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك كۆرگەزمە كۆرگۈچىلەر 73 مىليون 80 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، دۇنيا كۆرگەزمە تارىخىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى. 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، خۇ جىنتاۋ دۇنيا كۆرگەزمە خىزمىتىنى خۇلاسىلەش ۋە تەقدىرلەش يىغىنىدا: شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ روھى ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللەتلىرى روھىنىڭ ھازىرقى زامان جۇڭگودىكى يەنە بىر قېتىم مەركەزلىك ئىپادىلىنىشىدۇر، دەپ كۆرسەتتى.

  5-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇ يۇڭكاڭ ئېلىمىزنىڭ 8-قېتىم ھايتىغا بېرىپ تىنچلىقنى ساقلاش، زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش ساقچى ئەترىتىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم سۆز قىلدى. 2012-يىل 10-ئايغا قەدەر، ئېلىمىز ب د ت نىڭ30 تۈرلۈك تېنچلىقنى ساقلاش ھەرىكىتىگە 21 مىڭ خادىم ئەۋەتىپ، دۇنيا تېنچلىقىنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  5-ئاينىڭ 7-كۈنى گوۋۇيۈەن «ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش ۋە يېتەكلەش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 4- نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلۈپ، «تيەنجىن خىتاپنامىسى»ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭدا مۇنبەر رامكىسى ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، جۇ يۇڭكاڭ سۆز قىلدى. خۇ جىنتاۋ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكىلەر شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ «ئىككى ئومۇمىيەت»ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى ۋە مەركەزنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئسىتراتىگىيەلىك تەدبىرىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  5-ئاينىڭ 19-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «جۆرىسى، پەرزەنتلىرى بىردەك چەت ئەلگە(چېگرا سىرتىغا) كۆچۈپ كەتكەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە»نى تارقاتتى.

  5-ئاينىڭ 21-كۈنى مەملىكەتلىك تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى خىزمەت يىغىنى ھەم ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىدىكىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. لى كېچياڭ ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، مېخانىزم ئورنىتىشنى داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش كېرەك،دەپ تەكىتلىدى.

  5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياۋروپا پارتىيەلەر يۇقىرى قاتلاملىقلار مۇنبىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. لى چاڭچۈن مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم « پارتىيەلەر سۆھبىتىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» دېگەن باش تېمىدا سۆز قىلدى.

  5-ئاينىڭ 26-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «رەھبىرىي كادىرلار شەخسكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى بېسىپ تارقاتتى.

  6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە خۇ جىنتاۋ ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى مۇدىرىيىتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئۆزبېكىستان، قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

  6-ئاينىڭ 17-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «2020-2010 يىللىق كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئىسلاھاتى پروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى.

  6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە مەملىكەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. جۇ يۇڭكاڭ: جەمئىيەت قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىم ئىستراتىگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك، دېدى.

  6-ئاينىڭ 19-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە تارىخى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  7-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت مەملىكەتلىك پارتىيە خىزمىتى يىغىنى چاقىردى. خۇ جىنتاۋ، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، خې گوچياڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ : پارتىيە تارىخى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخى خىزمىتىنىڭ ئىلمىي سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشنى تەكىتلىدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە