باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(22)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە، 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە 16-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى. 16-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 45 دۆلەت ۋە رايوندىن 14 مىڭدىن ئارتۇق ئالاقىدار خادىم ۋە تەنھەرىكەتچى، تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 41 دۆلەت ۋە رايوندىن 2500 دىن ئارتۇق ئالاقىدار خادىم ۋە تەنھەرىكەتچى قاتناشتى. جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالتۇن مېدال ۋە مېدال تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

  11-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە جۇڭگو-پورتۇگال تىلىنى قوللىنىدىغان دۆلەتلەر ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 3-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئاۋمېندا ئېچىلدى. ۋېن جياباۋ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

  11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. لى چاڭچۈن سۆز قىلدى.

  11-ئاينىڭ 19-كۈنى گوۋۇيۈەن «ئىستېمال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.

  11-ئاينىڭ 21-كۈنى گوۋۇيۈەن «نۆۋەتتىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى تارقاتتى.

  12-ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ سۆز قىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى ئالاھىدىلىكلەرنى توغرا ئىگىلەپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئاساسى تېما، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى تېزدىن ئۆزگەرتىشنى ئاساسى لىنىيە قىلىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ قاراتمىلىقى، جانلىقلىقى، ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئىسلاھات نەتىجىلىرىگە تەسىر يەتكۈزۈشىگە تاقابىل تۇرۇشنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك راۋاجلىنىشىنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  12- ئاينىڭ 31- كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «سۇ ئىشلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا قارار» نى بېسىپ تارقىتىپ، بەش يىلدىن ئون يىلغىچە تىرىشىش ئارقىلىق، سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئارقىدا قېلىش ۋەزىيىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا كەلكۈنگە، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش سېستىمىسىنى ئاساسى جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2011- يىلى 7- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە، مەركەزنىڭ سۇ ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ يىغىندا سۆز قىلدى.

  12- ئايدا خۇ جىنتاۋ ئارمىيەنىڭ بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىنىدا: پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسمى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىلمىي تەرەققىياتنى ئاساسى تېما، جەڭگىۋارلىقنى شەكىللەندۈرۈش شەكلىنى ئاساسى لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا قىسىمنىڭ تارىخىي بۇرچى ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تىرەك ۋە مۇستەھكەم بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، دېدى.

  شۇ يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 40 تىرىليون 151 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە