باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(28)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-ئاينىڭ 6-كۈنى لى كېچياڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇنى ئادىل تەقسىم قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  2-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە مەملىكەتلىك جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۇنىۋېرىسال سىناق نۇقتا خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. جۇ يۇڭكاڭ سۆز قىلدى.

  2-ئاينىڭ 9-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، لى چاڭچۈن سۆز قىلدى. مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئەنشەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىسى گو مىنيىغا «زامانىمىزدىكى لېي فېڭ» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى.

  2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە شى جىنپىڭ ئامېرىكا، ئىرېلاندىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە رەسمىي زىيارەتتە بولدى. 14-كۈنى جۇڭگو، ئامېرىكا ئىككى تەرەپ «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە ئەھۋال چۈشەندۈرۈشى»نى ئېلان قىلدى.

  3-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى ئېچىلدى. جيا چىڭلىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى ئېچىلدى. ۋۇ باڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ۋېن جياباۋ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. يىغىندا «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللىنىپ، ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بۇ قانۇننىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپىغا كىرگۈزۈلدى.

  3-ئاينىڭ 8-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر(سىناق نۇسخا)» ۋە «كەسپىي ئورۇنلارنى ئىسلاھ قىلىش جەريانىدا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  3-ئاينىڭ 14-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى جاڭ دېجياڭنى قوشۇمچە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ۋە شۇجىلىقىغا تەيىنلەشنى، بو شىلەينىڭ ئەمدى چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ۋە شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغانلىقىنى قارار قىلدى. 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بو شىلەينىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىشنى ھەم مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن دەرھال دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشىنى قارار قىلدى.

  3-ئاينىڭ 14-كۈنى گوۋۇيۈەن «12-بەش يىلدا تېببىي دورا ۋە سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىلانى ۋە يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى. 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، مەملىكەتلىك تېببىي دورا ۋە سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. لى كېچياڭ سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، دورا ۋە داۋالاشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، «ئۈچ نۆۋەت قوزغىتىش»نى يولغا قويۇش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

  3-ئاينىڭ 22-كۈنى خۇ جىنتاۋ جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ پەخرىي رەئىسى ۋۇ بوشيۇڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆتكەن تۆت يىلدىكى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى بىرلىكتە ئەسلەپ ئۆتتى ۋە تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم يېڭى ۋەزىيەتتە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە تىنچ تەرەققىياتنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە خۇ جىنتاۋ كورېيەنىڭ سىئول شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يادرو بىخەتەرلىكى بويىچە باشلىقلار يىغىنى ۋە ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن BRICS رەھبەرلىرىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم كامبودژادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

  3-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا «جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھىرىنى پۇل مۇئامىلە ئۇنىۋېرىسال ئىسلاھاتى سىناق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئومۇمىي لايىھەسى»نى يولغا قويۇش تەستىقلاندى.

  4-ئاينىڭ 5-كۈنى گوۋۇيۈەن «مەكتەپ ئاپتۇموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى.

  4-ئاينىڭ 5-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تەكلىپلەرنى بېجىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە جيا چىڭلىن يېڭى زېلاندىيە، ۋېنزۇئىلا ۋە تايلاندتا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى.

  4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە لى چاڭچۈن ئەنگىلىيە، كانادا، كولۇمبىيە ۋە ھىندونېزىيەدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى. 15-كۈنى، لوندوندا جۇڭگو ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولغان خەلقئارالىق كىتاب كۆرگەزمىسى − «بازار قىزىق نۇقتىسى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  4-ئاينىڭ 19-كۈنى گوۋۇيۈەن «كىچىك ۋە مىكرو تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى يەنىمۇ قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە