باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى(8)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى

2012.11.07 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ۋېن جياباۋ ب د ت نىڭ نيۇ يوركتىكى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت ئېرا تەرەققىيات پىلانى نىشانى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ۋە ب د ت 63-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشتى ھەم 24-كۈنى، ب د ت كېڭىشىدە «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش، تىنچ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

  9-ئاينىڭ 24-كۈنى خۇجىنتاۋ پۈتۈن ئارمىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلىرى پارتكوم شۇجىلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم سۆز قىلىپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئىدىيەۋى تەربىيەدە قاتتىق بولۇش، پارتىيە نىزامى ۋە پارتىيە تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا قاتتىق بولۇش، پارتىيە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش جەھەتتە قاتتىق بولۇش، كادىرلارنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى.

  9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە «خاسىيەتلىك كېمە− 7» ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. ئالەم ئۇچقۇچىسى جەي جىگاڭ، ليۇ بومىڭ بىلەن جىڭ خەيپېڭلارنىڭ ياردىمىدە تۇنجى قېتىملىق بوشلۇقتا ئالەم كېمىسى بۆلۈمچىسىدىن چىقىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىدى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو بوشلۇقتا ئالەم كېمىسىدىن چىقىش مۇھىم تېخنىكىسىنى ئىگىلەش جەھەتتە دۇنيادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ قالدى.

  10-ئاينىڭ 6-كۈنى گوۋۇيۈەن «مەملىكەتلىك يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى تېزىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى (2006-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى.

  10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزىلارنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى مۇھىم زور مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى»قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېزىلاردىكى جامائەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە پارتىيەنىڭ يېزىلارنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش تەكىتلەندى. خۇ جىنتاۋ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىغا ۋاكالىتەن خىزمەتلەردىن دوكلات بەردى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز يېزا ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتى تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشتەك يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، پىشىپ يېتىلگەن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تۈزۈملەشتۈرۈپ يېڭى تۈزۈم بەرپا قىلىش سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، شۇنداقلا يېزىلارنىڭ تۈزۈم سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى.

  10-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 15-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى. 21-كۈنى، خۇجىنتاۋ مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 15-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان كۆپ قىسىم ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلەشتى. خۇ جىنتاۋ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن دۆلەتنىڭ خوجايىنى بولۇشتىن ئىبارەت كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلدى.

  10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە 7-نۆۋەتلىك ئاسىيا، ياۋروپا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. خۇجىنتاۋ «ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ ئورتاق گۈللىنەيلى»دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. يىغىندا «خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى بايانات» ۋە «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات بېيجىڭ خىتابنامىسى» ۋە «رەئىس باياناتى» ئېلان قىلىندى.

  10-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا دۆلەت مۈلكى قانۇنى» ماقۇللاندى.

  10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە جۇڭگو ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. خې گوچياڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

  11-ئاينىڭ 1-كۈنى، خۇ جىنتاۋ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان كۆپ قىسىم ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. خۇجىنتاۋ ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دەۋرگە يۈز كېلەلىگۈدەك يېڭى نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە