باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ج ك پ>>پارتىيە نىزامنامىسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى

(جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18 – قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2012 – يىل 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ماقۇللاندى)

2016.06.27 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇمىي پىروگرامما

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، ئۇ جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئالىي غايىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ قىبلىنەماسى قىلىدۇ.

  ماركسىزم – لېنىنىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەردى، ئۇنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى توغرا بولۇپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىنتىلگەن كوممۇنىستىك ئالىي غايىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت تولۇق راۋاجلانغان ۋە يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئاساستىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى ئۇزاق بىر تارىخىي جەريان. ماركسىزم – لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىغان، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا باب كېلىدىغان يولغا ماڭغاندا، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى چوقۇم ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشەلەيدۇ.

  يولداش ماۋ زېدۇڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم – لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى بەرپا قىلدى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ماركسىزم – لېنىنىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەتبىق قىلىنىشى ۋە راۋاجى، جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان توغرا نەزەرىيەۋى پىرىنسىپى ۋە تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ۋە بىيۇروكرات كاپىتالىزمغا قارشى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلابىي كۈرەشلەر ئارقىلىق، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى؛ جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، يېڭى دېموكراتىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈش جەريانىنى تاماملاپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سوتسىيالىستىك سىياسەت ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇردى.

  11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش دېڭ شياۋپىڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش – ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولىنى تۇتۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى پەيدىن – پەي شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگودا سوتسىيالىزمنى قۇرۇش، مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتىكى ئاساسىي مەسىلىلەرنى شەرھلەپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى بەرپا قىلدى. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ماركسىزم – لېنىنىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنىڭ ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچى، ھازىرقى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا يېتەكلەيدۇ.

  13 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش جياڭ زېمىننى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتىدە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش ۋە قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى، قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، ھازىرقى دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈردى، ئۇ – پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئېلىمىز سوتسىيالىزمىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك نەزەرىيەۋى قورالى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشى شەرت قىلىنغان يېتەكچى ئىدىيەسى. باشتىن – ئاخىر ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› نى ئەمەلىيەتتە كۆرستىش – پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش ئاساسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نېگىزى، كۈچ – قۇۋۋەت مەنبەسى.

  16 – قۇرۇلتايدىن بۇيان، يولداش خۇجىنتاۋنى ئاساس قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، يېڭى ۋەزىيەتتە قانداق تەرەققىياتنى، قانداق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور مەسىلىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشتەك ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ھەم ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن تومۇرداش بولغان ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە، ماركسىزمنىڭ تەرەققىياتقا ئائىت دۇنيا قارىشى ۋە ئۇسۇلىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى، ماركسىزمنى جۇڭگولاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇلىدىغان ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان يېتەكچى ئىدىيە.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى تۈپ سەۋەبنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىمىزگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورناتقانلىقىمىزغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيەمىز مىڭبىر جاپادا ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بۇ يول، بۇ نەزەرىيە سىستېمىسىنى ۋە بۇ تۈزۈمنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى، ئۇنىڭدا ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىنى ئورۇنداش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  دۆلىتىمىز ھازىر سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە بۇ باسقۇچتا ئۇزاققىچە تۇرىدۇ. بۇ – ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان جۇڭگودا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان تارىخىي باسقۇچ، ئۇنىڭغا 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش شەرت. ھازىرقى باسقۇچتا، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت. ئىچكى ئامىل ۋە خەلقئارا تەسىر تۈپەيلىدىن سىنىپىي كۈرەش يەنىلا مەلۇم دائىرىدە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مەلۇم شارائىتتا كەسكىنلىشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن ئۇ ئاساسىي زىددىيەت بولۇشتىن قالدى. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىمىزنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە شۇ يولدا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئۈستقۇرۇلمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا لايىقلاشمىغان تەرەپلىرى ۋە ھالقىلىرىنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل ئىگىلىك تەركىبلىرى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىر قىسىم رايونلار ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاۋۋال بېيىشىغا ئىلھام بېرىپ، نامراتلىقنى پەيدىنپەي يوقىتىپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا يېتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي بايلىقنى كۆپەيتىش ئاساسىدا خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش – دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى. تۈرلۈك خىزمەتلەردە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشنى ئومۇمىي باشلىنىش نۇقتىسى ۋە سىناش ئۆلچىمى قىلىپ، ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىش، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىش، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىدىغان، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش تېز ئالغا سىلجىيدىغان يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى بويىچە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانى دەسلەپكى قەدەمدە يەتكەن ھاللىق سەۋىيەنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون ئاھالىگە مەنپەئەت تېگىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش؛ جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارىنى ئوتتۇراھال تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپالىق ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەپ، دۆلىتىمىزنى زامانىۋىلاشقان باي – قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدا، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، باشقا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مۇشۇ مەركەزگە بويسۇندۇرۇشى ۋە خىزمەت قىلدۇرۇشى شەرت. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى پەن – تېخنىكا ۋە مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولغان پەن – تېخنىكىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ دۆلەت قۇرۇشىمىزنىڭ ئاساسى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، بۇرژۇئازىيەچە ئەركىنلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش شەرت. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز، سوتسىيالىزمنى، ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويىدىغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى تۈپتىن ئىسلاھ قىلىش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ شۇنىڭغا يارىشا، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ياراتقان بارلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئەينەك قىلىش كېرەك. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا دادىل ئىزدىنىش، باتۇرلۇق بىلەن يول تېپىش، ئىسلاھاتتا تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئۆستۈرۈش، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى يول ئېچىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەيدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام بېرىدۇ، ئۇنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىدۇ. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇكەممەل ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. شەھەر – يېزا تەرەققىياتى، رايونلار تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى، ئىچكى تەرەققىيات بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەيدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ. سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر – بازارلاشتۇرۇش، يېزا – ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرىدۇ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرىدۇ، جۇڭگوچە يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىغا ماڭىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ سىياسىي تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى كېڭەيتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرىدۇ، خەلق دېموكراتىيە دىكتاتورىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيەت بەرپا قىلىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتىن كېڭىشىش تۈزۈمىدە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. خەلقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئىقتىسادىي ئىشلارنى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. پىكىرگە كەڭ يول ئېچىپ، دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە تەرتىپىنى ئورنىتىدۇ ھەم مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، قانۇننى يولغا قويۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى قانۇنچىلىق يولىغا سالىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ. سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىدۇ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش يولىنى تۇتىدۇ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، مەنىۋى تۈرتكە ۋە ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتلىك كۈچلۈك دۆلەت قۇرىدۇ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، ماركسىزم يېتەكچى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى تۇرغۇزۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش – يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ، سوتسىيالىستىك شەرەپ – نومۇس قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، مىللىي غۇرۇرنى ساقلاش، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى كۈچەيتىدۇ، كاپىتالىزم ۋە فېئودالىزمنىڭ چىرىك ئىدىيەلىرىنىڭ چىرىتىشىگە قارشى تۇرۇپ، خىلمۇ خىل ئىجتىمائىي رەزىللىكنى تازىلاپ، خەلقىمىزنى غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك ۋە ئىنتىزامچان خەلققە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. پارتىيە ئەزالىرىغا كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايە توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ. مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىدۇ، مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ. دېموكراتىيە – قانۇن ئىدارە قىلىش، ئادىل – ھەققانىي بولۇش، سەمىمىي – دوستانە بولۇش، ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇش، تىنچ – تەرتىپلىك بولۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە ۋە ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئومۇمىي خەلق قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان، ھەركىم ئۆز ئورنىنى تاپىدىغان ھەم ئىناق ئۆتىدىغان ھالەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرىدۇ. جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىدۇ. دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان بۇ ئىككى خىل زىددىيەتنى قاتتىق پەرقلەندۈرىدۇ ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلىدۇ. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى ھەرىكەتلەرگە ۋە جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيىلىكى ئورنىتىدۇ. تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، تەبىئەتكە بوي سۇنىدىغان، تەبىئەتنى قوغدايدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشى تۇرغۇزۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىتنى قوغدايدىغان تۇپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، تېجەشچانلىقنى، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىدىغان فاڭجېندا چىڭ تۇرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشاد بولغان ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىيلىك تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ. بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىتنى قوغدايدىغان بوشلۇق قۇرۇلمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە ۋە باشقا خەلق قوراللىق كۈچلىرىگە رەھبەرلىك قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتىكى تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، ۋەتەننى قوغداش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش داۋامىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ھەم راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى پائال يېتىشتۈرىدۇ ۋە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرى، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۆھپە قوشىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىشچىلىرى، دېھقانلىرى ۋە زىيالىيلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار، ھەر مىللەت ۋەتەنپەرۋەر كۈچلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەردىن تەركىب تاپقان ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ راۋاجلاندۇرىدۇ ۋە زورايتىدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ. ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› فاڭجېنى بويىچە، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەت گۈللىنىپ ھەم مۇقىم بولۇپ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئورۇندايدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئىچكى – تاشقى ئومۇمىيلىقنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، تاشقى مۇناسىۋەتنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشىپ پايدىلىق خەلقئارا مۇھىت يارىتىدۇ. خەلقئارا ئىشلاردا دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدۇ، ئىنسانلار تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈپ، ئۇزاق تىنچ بولىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولىدۇ. بىر – بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر – بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، بىر – بىرىنىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق – دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، پۈتۈنلەي باراۋەر بولۇش، بىر – بىرىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر – بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپى بويىچە، پارتىيەمىزنىڭ ھەرقايسى ئەل كومپارتىيەلىرى ۋە باشقا پارتىيەلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش – پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۇك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى شەرت. ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چىرىتىشنى رەت قىلىش – ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ – خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىنىپىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىشچان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە قۇرۇشى، پارتىيەمىزنى باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان كۈچلۈك يادرو قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىدا تۆۋەندىكى تۆت ئاساسىي تەلەپنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت:

  بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ئارقىلىق ئىدىيەنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى ھەم ئۇنىڭدا قىلچە ئېغىشماستىن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنى تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي پىروگراممىسىنى ئەتراپلىق ئىجرا قىلىپ، بارلىق ‹‹سول›› چىل ۋە ئوڭچىل خاتا خاھىشلارغا قارشى تۇرۇش، ئوڭچىللىقتىن ھوشيار بولۇش، لېكىن ئاساسلىقى ‹‹سول›› چىللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا، نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ۋە ئامما ئىشىنىدىغان كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ ۋە ئىشقا قويۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مىليونلىغان ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسى، ئاساسىي تەجرىبىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىلىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى لۇشيەنى ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەت داۋامىدا سىناش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. پۈتۈن پارتىيە مۇشۇ ئىدىيەۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پائال ئىزدىنىپ، دادىل سىناق قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتنى ئىجادكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ئەھۋاللارنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، ماركسىزمنى ئەمەلىيەت داۋامىدا بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى شەرت.

  ئۈچىنچى، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ مەنپەئەتىدىن باشقا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتى يوق. پارتىيە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئامما بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلايدۇ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، خەلققە رىشتە باغلاش، خەلق مەنپەئەتىنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا، ئۆزىنى ئاممىدىن ئۈستۈن قويۇشىغا يول قويمايدۇ. پارتىيە ئۆز خىزمىتىدە ئاممىۋى لۇشيەننى يولغا قويۇپ، ھەممىدە ئاممىنى كۆزدە تۇتۇشى، ھەممىدە ئاممىغا تايىنىشى، ئاممىدىن ئېلىپ ئاممىغا قايتۇرۇشى، پارتىيەنىڭ توغرا تەشەببۇسلىرىنى ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ زور سىياسىي ئۈستۈنلۈكى ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىش، پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋپ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش. پارتىيە ئىستىلى مەسىلىسى، پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش مەسىلىسى پارتىيەنىڭ ھايات – ماماتىغا تاقىلىدىغان مەسىلە. پارتىيە ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، جازالاش – ئالدىنى ئېلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە قەتئىي بوشاشماي قارشى تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.

  تۆتىنچى، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى دېموكراتىيە ئاساسىدىكى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيەنىڭ ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈشىدۇر. ئۇ ھەم پارتىيەنىڭ تۈپ تەشكىلىي پىرىنسىپى، ھەم ئاممىۋى لۇشيەننىڭ پارتىيە تۇرمۇشىدىكى تەتبىقلىنىشى. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتىپلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادكارلىقىنى جارى قىلدۇرۇش شەرت. توغرا مەركەزلەشتۈرۈش يولىنى تۇتۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى ۋە ھەرىكەت بىرلىكىگە، پارتىيە قارارلىرىنىڭ تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرت. تەشكىلچانلىق ۋە ئىنتىزامچانلىقنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىنتىزامى ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبىرىي ئورگانلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۈستىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئۆزىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى توغرا قانات يايدۇرۇپ، پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ئىدىيەۋى كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىشى كېرەك. مەركەزلەشتۈرۈشمۇ بولغان، دېموكراتىيەمۇ بولغان، ئىنتىزاممۇ بولغان، ئەركىنلىكمۇ بولغان، ئىرادە بىرلىكىمۇ بولغان، شەخسلەرنىڭ كۆڭۈل ئازادىلىكىمۇ بولغان جانلىق، جۇشقۇن سىياسىي ھالەتنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

  پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئاساسەن سىياسىي، ئىدىيەۋى ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىكتۇر. پارتىيە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە لايىقلىشىپ، ھاكىمىيەتنى ئىلمىي يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشى ۋە ياخشىلىشى كېرەك. پارتىيە ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ھەر خىل تەشكىلاتلاردا رەھبەرلىك يادرولۇقىغا خاس رولىنى جارى قىلدۇرۇشى شەرت. پارتىيە زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، ھەر جەھەتتىكى كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، خىزمەتنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى دەۋر قىلىپ قانات يايدۇرۇشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى شەرت. پارتىيە دېموكراتىك ۋە ئىلمىي ئاساستا تەدبىر بەلگىلەش يولىنى تۇتۇپ، توغرا لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ۋە ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي خىزمىتى ۋە تەشۋىق – تەربىيە خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق ۋە نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى شەرت. پارتىيە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى شەرت. پارتىيە دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرى ۋە مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتنى ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئالدىغا مەسئۇل بولۇپ بىردەك ماسلىشىپ ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى شەرت. پارتىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى شەرت. پارتىيە ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە يارىشا رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، رەھبەرلىك ئۇسۇلىنى ياخشىلىشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى شەرت. كومپارتىيە ئەزالىرى پارتىيە سىرتىدىكى ئامما بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى شەرت.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر