خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-ئىيۇن، ئۆزبىكىستان پەيتەختى تاشكەنتتىكى زوڭتوڭ مەھكىمىسىدە، ئۆزبىكىستان زوڭتوڭى كەرىموف ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئالىموف ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنى ئۆزبىكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆزبىكىستان زوڭتوڭى كەرىموف ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئالىموف بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يىغىن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى