باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-نۆۋەتلىك نوبېل مۇكاپاتى ئىقتىسادشۇناسلار جۇڭگو باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2016.06.27 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- نۆۋەتلىك نوبېل مۇكاپاتى ئىقتىسادشۇناسلار جۇڭگو باشلىقلار يىغىنى يۈننەننىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ۋاڭ جيارۈي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىقىغا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئىقتىسادشۇناسلار جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىقتىساد چەمبىركىگە نەزەر سېلىپ، دىققەتنى «بىر بەلباغ، بىر يول»غا قويۇشى، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى لازىم.

  «رايون ئىقتىسادىدا يېڭىلىق يارىتىش-جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايون ھەمكارلىقى» ئاساسىي تېما قىلىنغان 4-نۆۋەتلىك نوبېل مۇكاپاتى ئىقتىسادشۇناسلار جۇڭگو باشلىقلار يىغىنىنى يۈننەن ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى، شىنخۇادۇ سودا ئىنستىتۇتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت تەرەققىيات تەتقىقات ئورنى باشچىلىق قىلغان، يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، يىغىنغا 2006-يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئەدمۇند فىرپۇس ۋە 2007-يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئەيلىك ماسكىن، جۇڭگو ھەم جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئىقتىسادشۇناسلار ۋە داڭلىق كارخانىچىلاردىن 300 كىشى قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر