باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق « پىكىر » تارقاتتى:

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرىنى قالايمىقان تارقىتىش ۋە مەكتەپ تاللاش ھەققى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلىرى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

2016.06.23 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 22-ئىيۇن مائارىپ مىنسىتىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، ھەقلىق دەرس تولۇقلاش، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ تاللاش ھەققى ئېلىش ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرىنى قالايمىقان تارقىتىش قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان مەكتەپ باشقۇرۇش ئەھۋاللىرىغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىشىپ «2016-يىللىق مائارىپتا ھەق ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، مائارىپتا قالايمىقان ھەق ئېلىشنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش پىكرى»نى تارقىتىپ، جايلاردىن ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مائارىپتا ھەق ئېلىش قىلمىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

  پىكىردە مۇنۇلار بېكىتىلدى: جايلار رايونغا ئايرىپ يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاشكارا قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملىشى تەڭپۇڭ ئەمەس، مەكتەپ تاللاش ئىنتىلىشى كۈچلۈك بولغان جايلار ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ كۆپرەك مەكتەپلەرگە بۆلۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. «پۇل بىلەن مەكتەپ تاللاش، ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى تاللاش. ھوقۇق بىلەن مەكتەپكە كىرىش» قىلمىشىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە دۆلەت ئاچقان، پۇقرالار ئاچقان مەكتەپلەر ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى تاللىماسلىقى كېرەك. ھەر قانداق نامدا مەكتەپكە كىرىشكە مۇناسىۋەتلىك ھەق ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر