باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ « جۇڭگو-رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى

جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2016.06.26 13:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-ئىيۇن خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرگە «جۇڭگو-رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-رۇسىيە داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، شەرتنامە بېكىتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، پائال تىرىشىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك. كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز مەڭگۈ تىنچ، دوستانە، ئىللىق تۇرمۇش كەچۈرسۇن.

  جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 15 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپ «جۇڭگو-رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق ، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالىدى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتماسلىق ئاساسىدىكى يېڭىچە دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئىدىيەسىنى قانۇن شەكلى بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ 21 ئەسىردە ئۇزاق مۇددەت تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم قانۇن ئاساسى سالدى. شەرتنامىنىڭ مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىككى تەرەپ باراۋەر بولۇش، ئۆز ئارا ئىشىنىش، بىر بىرىنى قوللاش، ئورتاق گۈللىنىش، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتەك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى، شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپىلەرنى قوشتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر