باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونىمىز 2016-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچىنى تاللاپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىدۇ

2016.06.27 15:39   مەنبە: خەلق تورى

ئاپتونوم رايونىمىز 2016-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچىنى تاللاپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ 2016-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىش-ئۇزىتىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەش خىزمىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچىنى تاللاپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىدىكەن.

  شۇ كۈنى، نامرات ئائىلىلەر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىستۇدېنتلىرى ئاساس قىلىنغان 750 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ئۈچۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 4 دە پويىز بىلەن شەندۇڭغا ماڭدى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ بۇلتۇردىن باشلاپ، دائىملىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، ئىش ئورنىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىزدا تەربىيەلەش ئاساس قىلىنغان تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر