باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىلى شىنجاڭدىن 135 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ

2016.06.21 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى 1380 ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 135 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدا تولۇق كۇرس بويىچە 73 مىڭ 200 ئوقۇغۇچى، مەخسۇس كۇرس بويىچە 62 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس تۈر پىلانى بويىچە 1687 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتنىڭ مەخسۇس تۈر پىلانىغا 1487 ئوقۇغۇچى، يەرلىكنىڭ مەخسۇس تۈر پىلانىغا 200 ئوقۇغۇچى تولۇق كۇرۇس بويىچە قوبۇل قىلىنىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئايرىم پىلانىدا 5121 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرۇس بويىچە 2690 ئوقۇغۇچى، مەخسۇس كۇرۇس بويىچە 2431 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. مۇناسىۋەتلىك كونكرېت تەلەپنى بىلمەكچى بولسا، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn/) دىن تەكشۈرسە بولىدىكەن.

  بۇ يىل 21 ھەربىي مەكتەپ (قوراللىق ساقچى قىسىم مەكتىپى) ئاپتونوم رايونىمىزدىن 551 ئوقۇغۇچى، 17 ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ دۆلەت مۇداپىئە كەسپى بويىچە 100 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشچە، ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى» 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەلەپ بويىچە تورغا چىقىپ ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن. شۇنداقلا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى تورىغا چىقىرىلغان. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا - ئانىلار «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى »(http://www.xjzk.gov.cn/)غا چىقىپ،« 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى سۈرۈشتە قىلىش سىستېمىسى» دىن تەپسىلىي ئەھۋالنى تەكشۈرسە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر