باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ مەمۇرىي ئورۇنلىرىدا 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىشخانا ئۆلچىمى چىڭىتىلىدۇ

2016.06.21 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، مەركەز مەمۇرىي ئورۇنلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشخانا ئەسلىھەلىرى، ئۆي جاھازىلىرىغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق بولغان سەپلەش ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدۇ ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك، ھەشەمەتلىك ئۆي جاھازىلىرىنى سەپلەش مەنئى قىلىنىدۇ..

  مالىيە مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگوڭتىڭى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش كومىتېتى بەنگوڭتىڭى، دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىقلار 20-ئىيۇن بىرلىكتە «مەركەز مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشخانا ئەسلىھەلىرى، ئۆي جاھازىلىرىنى سەپلەش ئۆلچىمى»نى ئېلان قىلىپ، مۈلۈك تىزىملىكى، سەپلەش سانى يۇقىرى چېكى، باھا يۇقىرى چېكى، ئەڭ تۆۋەن ئىشلىتىش يىل چېكى ۋە ئىقتىدار تەلىپى قاتارلىق جەھەتلەردە مەركەز مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ ئىشخانا ئۆلچىمىگە ئومۇميۈزلۈك چەكلىمە قويدى.

  سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۆلچەم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى نۇسخىدىكى سەپلەش ئۆلچىمىنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەنلىكى، قىسمەن ئىشخانا ئەسلىھەلىرى، ئۆي جاھازىلىرىنى سېتىۋېلىش چىقىمىنىڭ يۇقىرى چېكىمۇ تەڭشەلگەنلىكى بايقالدى. مەسىلەن يېڭى ئۆلچەمدە، ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك كومپيۇتېرلارنىڭ يۇقىرى چېكى 5000 يۈەن ۋە 7000 يۈەن بولغان، ھازىرقى ئۆلچەم 6000 يۈەن ۋە 11000 يۈەن ئىكەن. خەتباسقۇ، كۆپەيتكۈ، پىرويىكتور قاتارلىق ئەسلىھەلەرگە قارىتا ئىشلىتىدىغان ئادەم سانىغا قارىتا سېتىۋېلىش سانىغا تېخىمۇ كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىشخانا ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىشلىتىلىش يىل چېكى 15 يىل بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ئۆلچەمدە قىسمەن ئىشخانا ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش يىل چېكى ئۇزارتىلدى. مەسىلەن ھۆججەت ئىشكابى، مەخپىيەتلىك ئىشكابى، چاي ئىشكابى، يىغىن ئۈستىلى قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىشلىتىلىش يىل چېكى 20 يىل بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر