خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ئىيۇن پولشا زۇڭتۇڭى دۇدانىڭ ۋارشاۋا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئۇيۇشتۇرغان داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەن شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00لەردە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە كەلدى، پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا بىلەن ئۇنىڭ خانىمى ئاگاتا ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن پولشا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇندىدى. شى جىنپىڭ دۇدانىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. پارات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ پولشالىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن «ئەسكەرلەر ياخشىمۇ سىلەر» دەپ سورىدى، ئەسكەرلەر جاراڭلىق ئاۋازدا «رەئىس ياخشىمۇسىز» دەپ جاۋاب بەردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى پولشا ھۆكۈمىتى، ھەربىي ساھە ۋەكىللىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پولشادا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە بىرلىكتە پاراتنى كۆردى.
قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەن، دۇدا ۋە ئۇنىڭ خانىمى ئاگاتا بىلەن قىسقىغىنە تىنچلىق سوراشتى، شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-پولشا ئىككى دۆلەت خەلقى ئوخشىمىغان تارىخىي مەزگىلدە ئۆز ئارا ياردەملىشىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە دوستلۇق ئورناتتى. ھازىر، جۇڭگو-پولشا ئەنئەنىۋى دوستلۇقى يۈكسەك ھاياتىي كۈچكە تولدى. بۇ دوستلۇقنىڭ يەنىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ۋە كەڭ ئەۋج ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى