باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۆت خىل يېڭى ئېلېمېنت ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىگە كىرگۈزۈشكە كۆرسىتىلدى

2016.06.21 15:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش ئىشتابى شىۋېيتسارىيەنىڭ سيۇرىخ شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارا ساپ ۋە ئەمەلىي خىمىيە بىرلەشمىسى يېقىندا 113 - نومۇرلۇق ( Nh قىسقارتىپ يېزىلىشى)، 115 - نومۇرلۇق (Mc) ۋە 117 - نومۇرلۇق (Ts) ھەم 118 - نومۇرلۇق (Og) بىرىكمە خىمىيەلىك ئېلېمېنتلارنىڭ يېڭى ئېلېمېنتلار قاتارىغا كىرگۈزۈشكە كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  بۇ بىرلەشمە 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۆت خىل يېڭى ئېلېمېنتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئېلېمېنتلارنى رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر بايقىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئېلېمېنتلارغا رەسمىي نام بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

  خەلقئارا ساپ ۋە ئەمەلىي خىمىيە بىرلەشمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ تۆت خىل ئېلېمېنتنىڭ بايقالغانلىقى دەلىللەنگەندىن كېيىن، بىز بۇ ئېلېمېنتلارنى بايقىغۇچىلارنى يېڭى ئېلېمېنتلارغا نام بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق، دېدى. ياپونىيە 2004 - يىلى 113 - نومۇرلۇق ئېلېمېنتنىڭ بىرىكتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇمۇ ئاسىيا ئالىملىرى تۇنجى بىرىكتۈرگەن يېڭى ئېلېمېنت ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيە فىزىكا - خىمىيە ئىلمى تەتقىقات ئورنى نىشىنا تېزلەتكۈچ تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 113 - نومۇرلۇق ئېلېمېنتقا ياپونىيە دۆلەت نامى (Nihon) بىلەن Nihoniun (قسقارتىپ يېزىلىشىNh) دەپ نام بەردى.

  باشقا يېڭى ئېلېمېنتلارنى ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئالىملىرى بىرلىكتە بىرىكتۈرگەن بولۇپ، ئۇلار 115 - نومۇرلۇق ئېلېمېنتقا موسكۋانىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشى Moscovium نىڭ باش ھەرىپى (قىسقارتىلمىسىMc ) بويىچە؛ 117 - نومۇرلۇق ئېلېمېنتقا تەتقىقات ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئامېرىكا تېننېسسى ئىشتاتىغا جايلاشقان ئامېرىكا ئوك رىيج دۆلەت تەجرىبىخانىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن «تېننېسسى ئىشتاتى»نىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشى Tennesine (قىسقارتىلمىسى Ts)نىڭ باش ھەرپى بويىچە نام بەرمەكچى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىنتايىن ئېغىر ئېلېمېنتلارنى بىرىكتۈرۈش باشلامچىسى، رۇسىيە فىزىكا ئالىمى يۇرى ئوگانىسسونغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار 811 - نومۇرلۇق ئېلېمېنتقا Ogannesson (قىسقارتىلمىسىOg) دەپ نام بەردى. 118 - نومۇرلۇق ئېلېمېنت ئىنسانلارنىڭ ھازىرغا قەدەر بىرىكتۈرگەن ئەڭ ئېغىر ئېلېمېنتىدۇر.

  19 - ئەسىردە مېندىلىيېۋ تۇنجى بولۇپ ھازىر قوللىنىلىۋاتقان ئېلېمېنتلار دەۋرى جەدۋىلىنى ياراتقاندىن بۇيان ئىنسانلار 118 خىل ئېلېمېنتنى بايقىدى. بۇ ئېلېمېنتلار ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدە ئاتوم رەت نومۇرى بويىچە تىزىلىپ، ھەر بىر قاتار بىر توپ، ھەر بىر قۇر بىر دەۋر دەپ ئاتالدى.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بۇ تۆت خىل يېڭى ئېلېمېنت ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدىكى 7 - دەۋر ئېلېمېنتى قاتارىغا تىزىلىدۇ ھەم ئېلېمېنت «تۇرغۇن ئارال»ىنى ئىزدەشنى ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىرقى ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى پەقەت يەتتە قۇر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 7 - قۇردىكى ئاتوم رەت نومۇرى 93 - نومۇرلۇق، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ئاشقان ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسى تەبىئەت دۇنياسىدا مۇقىم ئەمەس بولۇپ، سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن. ھالبۇكى يادرو فىزىكا ئالىملىرى ئاللىبۇرۇن ناھايىتى ئېغىر بىر «تۇرغۇن ئارال» مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، ئارالدىكى ئېلېمېنت ئاتومىدىكى پىروتون بىلەن نېيتروننىڭ سانى ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدىكى ئېلېمېنتلارىن ئېشىپ كېتىدۇ، لېكىن ئىنتايىن تۇراقلىق، دەپ بېشارەت بەرگەن.

  ئالىملارنىڭ بۇ تۆت خىل يېڭى ئېلېمېنتنى باھالاپ بېكىتىشىگە بەش ئاي ۋاقىت بېرىلىدۇ. پىلان بويىچە، بۇ تەشكىلات كېڭىشى بۇ يىل 11 - ئاينىڭ بېشىدا بۇ تۆت خىل يېڭى ئېلېمېنتنى ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىگە كىرگۈزۈشنى رەسمىي تەستىقلايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر