باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2016.06.21 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئىيۇن، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى ۋە شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ يۈزلىنىش مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، نۇرغۇن بالىلار نەشرىيات ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، يازغۇچى، پەن ئومۇملاشتۇرغۇچى قاتارلىقلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ نەشرچىلىك ئىستىقبالىنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلىپ، 60 يىللىق تەرەققىيات جەريانىدىكى يېڭىلىق يارىتىش مۇساپىسىنى ۋە قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى ئورتاق ئەسلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1956 - يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىتاب نەشر قىلىنغان، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 200 نەچچە خىل كىتاب مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «بەش بىر قۇرۇلۇشى»، «جۇڭگو كىتابلار مۇكاپاتى»، «جۇڭخۇا ئېسىل نەشر بۇيۇمى مۇكاپاتى»، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتى، «بىڭ شىن بالىلار كىتاب مۇكاپاتى» قاتارلىق ھەر دەرىجىدىكى ھەر تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ھەم 10دىن كۆپ دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن نەشر ھوقۇقىدا ھەمكارلاشقان. يەنە بەيدۇ ئوقۇشى، شېڭدا ئەدەبىياتى، داليەن يۈنگۇەن، ئامېرىكا OverDrive شىركىتى قاتارلىق سېپىرلىق سۇپا بىلەن ھەمكارلاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر