باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز خامچوتىدىن 1 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈپ، مەركەزلەشكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇتقۇزۇشنى يولغا قويىدۇ

2016.06.21 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھەت كومىتېتى 20-ئىيۇن، دۆلەت مەركەزلەشكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇتقۇزۇش ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى قوللاشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، يېقىندا 21 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)گە مەركەز خامچوتىدىن 1 مىليارد 600 مىليون يۈەن چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىلگىرى مەبلەغ سېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىملىق مەبلەغ سېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش تۈجۈپىلىك يۆلەش، تۈجۈپىلىك نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئاساسىي فاڭجېنىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش چىقىش نۇقتىسى قىلىنىپ، مەركەزلىك ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلار ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان نامرات نوپۇسلار نىشان قىلىنىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تاللاپ بېكىتىش ھوقۇقىنى ناھىيەگە چۈشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەبلەغ تۈرلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچامــلاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، ئەلا مۇلازىمەت قىلىش تەلىپى يەنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر