باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەكەن دەرياسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش قۇرۇلۇشىغا بۇ يىل 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى

2016.06.20 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى يەكەن دەرياسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيە خامچوتىدىن 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 200 مىليون يۈەن ئاشقان.17-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەتنىڭ يەكەن دەرياسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىغا سېلىنما جەھەتتىن مەدەت بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ يەكەن دەرياسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىغا مەركەز خامچوتىدىن مەبلەغ سېلىش تولۇقلىما ياردەم نىسبىتى % 60 تىن % 70 كە يەتكەن.

  بۇلتۇر، دۆلەت مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغدىن 500 مىليون يۈەن، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ يىللىق يانداشما مەبلىغىدىن 200 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يەكەن دەرياسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان ئىدى.

  بۇلتۇر 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 21 تۈرلۈك يەككە تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى تاماملاندى، يېڭىدىن سېلىنغان توسما 76.996 كىلومېتىرغا يېتىپ، قىرغاقتىكى 156 مىڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ئۈنۈملۈك قوغدىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

  بۇ يىل يەكەن دەرياسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 113 كىلومېتىرلىق مەڭگۈلۈك توسما قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، ئاساسلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خەتەرلىك بۆلىكى ئۈنۈملۈك تەرتىپكە سېلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر