باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئوكىناۋادىكى قىسمەن زېمىننى ياپونىيەگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ

2016.06.20 11:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 19-ئىيۇندىكى خەۋېرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ئاممىسىنىڭ ئۆچمەنلىك كەپىياتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئوكىناۋا ئارىلىدىكى بەزى يەرلەرنى ياپونىيەگە قايتۇرۇپ بېرىدىكەن. ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ قوماندانى نىكولسون 18-ئىيۇن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئامېرىكا ئەڭ بالدۇر بوغلاندىمۇ كېلەر يىلىنىڭ باشلىرى ئوكىناۋا ئارىلىدىكى تەخمىنەن 40 كۇۋادىرات كىلومېتىر يەرنى ياپونىيەگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ يەر ئوكىناۋا ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى گونسالۋېس مەشىق لاگىرى ئىشلىتىۋاتقان يەرنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرى ئەمەلىيەتتە 1996-يىلىلا بۇ يەرنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان، لېكىن ئامېرىكا ئارمىيەسى يەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشتىن بۇرۇن ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكا ئارمىيەسىگە بىر تىك ئۇچار قونۇش سۇپىسى ياساپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، نەتىجىدە بۇ ئوكىناۋا ئاممىسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. نىكولسون مۇنداق دېدى: بۇ 1972-يىلىدىن بۇيان قايتۇرۇپ بېرىدىغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ يەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر