باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بىلەن مېركىل جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2016.06.15 15:42   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ بىلەن مېركىل جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 14-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن بىرگە خەلق سارىيىدا، جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ۋە يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو-گېرمانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  گېرمانىيەدىن كەلگەن «سېمېنىس» شىركىتى، «تايسسېنكرۇپ» شىركىتى، «ئەلبا» گۇرۇھى، «كلائاس» دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى شىركىتى ۋە جۇڭگو تۆمۈر يول باش ئىدارىسى، «جۇڭچې» گۇرۇھى، «باۋگاڭ» گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى جۇڭگو-گېرمانىيەنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار ياسىمىچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئۈچ تەرەپ بازار ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش، سودىغا مەبلەغ سېلىش مۇھىتى قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارشى ۋە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىككى تەرەپ كارخانىچىلىرىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىساد مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ مۇزاكىرىسى سەمىمىي، كونكېرت، قاراتمىلىقى ۋە ئالدىن كۆرەرلىكى كۈچلۈك بولۇپ، جۇڭگو-گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىق پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىگە بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرى مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ھازىر، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى قارشى تەرەپ دۆلىتىنىڭ بازار ئىجازىتى ۋە تىجارەت قىلىش مۇھىتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. ئىقتىساد مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىدىيەنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇچۇر ئۇدۇللاشماسلىقتەك توسالغۇنى بۇزۇپ، جۇڭگو-گېرمانىيەنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىق ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 55 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 90 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى
    ·مەملىكەت بويىچە 21 ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئالىي مەكتىپى شىنجاڭدىن 526 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرۇش 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى
    ·ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ك…
    ·بۇ يىل 9 مىليون 400 مىڭ كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟  
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر )نىڭ 2016-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان…