باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات - رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى كەچلىك ئىجادىي پىروگرامما نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

2016.06.20 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر بەزى رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى پىروگرامما ئەندىزىسىگە ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىش، ئەسلىي پىروگرامما نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش، ئېسىللىرى كۆپ بولماسلىق، تەسىرى ئانچە چوڭ بولماسلىق، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات - رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، رادىيو - تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن ئەلا سۈپەتلىك نومۇرلارنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى، بولۇپمۇ كەچلىك ۋاقىتتىكى ئۆز ئالدىغا ئىجاد قىلغان پىروگراممىلارنىڭ كۆرسىتىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ، «رادىيو - تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، پەقەت جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گېنىغا ۋە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىلغان نومۇرلارلا جۇڭگو ئارزۇسى ئاساسىي تېمىسى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى, ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى يەتكۈزۈپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى تېخىمۇ ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو روھىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرالايدۇ، دېيىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا، ئۆز ئالدىغا ئىجادىي نومۇر ئىجاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە قوللاش، ھەر قايسى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئاپپاراتلىرى نومۇرلارنىڭ ئىجادىيلىقىنى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنىڭ يادروسى قىلىش، بولۇپمۇ كەچلىك ۋاقىتتا ئۆز ئالدىغا ئىجاد قىلغان پىروگراممىلارنىڭ كۆرسىتىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش تەلەپ قىلىندى.

  دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات - رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئىجادىي، ئەلا سۈپەتلىك نومۇرلارنى باھالاش، تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇش ۋە ئالتۇن ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە، ئۆز ئالدىغا ئىجاد قىلىنغان ئىجادىي نومۇرلار ئالدىن ئويلىشىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر