- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە ئەمەلدارى: غەربنىڭ جازاسى رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنى سەرخىلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق
2016.06.20 11:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە زۇڭتۇڭى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئىۋانوف 18-ئىيۇن مۇنداق دېدى: غەربنىڭ جازاسىنىڭ رۇسىيەگە كەلتۈرگەن قىيىنچىلىق باسقۇچى ئۆتۈپ كەتتى، غەربنىڭ خازاسى ئەكسىچە رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشىغا پايدا يەتكۈزۈپ، رۇسىيەنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: غەربنىڭ رۇسىيەنى جازالىشى رولىدىن قالدى. رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى جازا ئاستىدا مۇقىم ۋە مۇۋاپىق ئاشتى. ھازىر رۇسىيەنىڭ مالىيە كىرىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى نېفىت تەبىئىي گازدىن باشقا ساھەلەردىن كېلىدۇ، رۇسىيە نېفىت تەبىئىي گاز ساھەسىگە تايىنىشنى تەدرىجىي ئازايتماقتا. رۇسىيەگە نىسبەتەن، بۇ يىپ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى. ئۇكرائىنا كىرزىسىنىڭ تەسىرىدە رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يامانلىشىپ كەتتى. 2014-يىلى مارتتىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا ئەگىشىپ رۇسىيەنى نۇرغۇن قېتىم جازالاپ كەلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر