خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئۆز مۇخبىرىمىز مەلىكەم خەۋىرى) 2016-يىلى 20-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، قۇربانجان ۋە ئىجادىيەتچىلەر ھۆججەتلىك فىلىم «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم »نىڭ بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالتە قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم»دە شىنجاڭلىق 18 كىشىنىڭ ئاددى ھېكايىسى سۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئوخشىمايدىغان مىللەت ۋە مەدەنىيەت بىلەن بىرلىشىپ، دەۋر مىلودىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى نامايان قىلغان.
ھۆججەتلىك فىلىم «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» فىلىمىنى ئۇيغۇر ياش قۇربانجان سەمەت ئىشلىگەن ۋە باش رېژىسسورلىقىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمگە داڭلىق يازغۇچى ۋاڭ مىڭ مەسلىھەتچى بولغان، ئارتىس چېن جيەنبىن بەدىئىيلىك جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغان، ئارتىس لى ياپېڭ، توڭ لىيا قاتارلىقلار فىلىمنى بىرلىشىپ ئىشلىگەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى